توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش ج ئى ئە چىقىش ( 2020 )91– نومۇرلۇق
توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار م**، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:0952******** 652123نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: **ناھىيە **بازار ** كەنت *-ئەترەت ***-نۇمۇر ،سىياسى قىياپىتى:ئامما، كەسپى: دېھقان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،بۇرۇن جازالانمىغان.
2019 -يىلى12-ئاينىڭ 4-كۈنى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانمىغان،2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10- كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار م ** نىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچىلارغا ھەم قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچىلارغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق .
مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :
2019-يىلى12-ئاينىڭ 04-كۈنى سائەت 02:25لار ئەتراپىدا م ** ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە **** 新KF نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى جەنوپتىن شىمال يۆلىنىشكە ھەيدەپ مېڭىپ،** ناھىيە *** Yلېنىيە *كېلومېتىر + **مېتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە ق** ھەيدەپ يول ياققىسىغا توختىتىپ قويغان نوپوسى يوق توكسىكىلىت بىلەن سوقىلىشىپ، ق** نەق مەيداندا ئۆلۈپ،ماشىنا توكسىكىلىت ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇپ ،ئادەم ئۈلۈش قاتناش ھادىسسىنى شەكىللەندۈرگەن.
شىنجاڭ ** ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)*****-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا جاۋابكار م ** نىڭ ھەر 100 مىللىيلىتىر قان تەركىبىدە 180 مىللىيگىرام ئالكوگىل مىقدارى بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن. ** ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)****-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا جاۋابكار م ** ھەيدىگەن ****新KF نۇمۇرلۇق ماشىنىنىڭ بۇزۇلغان جايى،نومۇرى يوق قىزىل رەڭلىك ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنىڭ بۇزۇلغان قىسمى ئادەمنى سوققاندا ھاسىل بولغانلىقىنى باھالاپ بىكىتكەن.(2019)**-نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ق** نىڭ ئىچكى ئەزالىرى زەخىملىنىپ قان چىقىپ ئۆلگەن دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى بېكىتىشتىكى دەلىل- ئىسپاتلار
دېلو قۇبۇل قىلىش جەدىۋىلى، دېلو ئېچىش قارارى، نۇپوس ئىسپاتلىقى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،نەق مەيدان سۆرەتلىرى،ئەدىليىلىك باھالاشنامە،جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلادى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار :
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكارم ** نىڭ قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ -133ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راست ھەم تۇلۇق. جاۋابكار م ** نى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » 15-ماددىسىىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، جاۋاپكارغا مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ 2 يىل كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمىز. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: ھەكىمە ئەرشىدىن
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى
قوشۇمچە
.1جاۋاپكار ئائىلىسىدە كېپىلدە؛
.2دېلو توپلىمى 2 توپلام، پىلاستىنكا 2 دانە ؛
3.جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا؛
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论