شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى xx ئاپتونۇم ئوبلاستى
xx ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
xx ت ج 1- بۆلۈم ئەيىپلەش (2020) - نومۇرلۇق
جاۋاپكار مە xx ، ئەر، ئۇيغۇر، xx– يىلى xx– ئاينىڭ xx– كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومىرى: xx 652823، نوپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيە xx بازىرى xx كەنتى xx ا يولى xx نومۇر، تولۇقسىز ئوتتىرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دېھقان. 2019– يىلى 3– ئاينىڭ 1– كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش قىلمىشىغا چېتىشلىق گۇمانى بىلەن xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2019-يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى دېلوسى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە .
xx ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار مە xx ىنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم، نۆۋەتچى ئادوۋكادنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى، جاۋابكار مە xx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:
جاۋابكار مە xx 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنى سائەت 02:13 دە، ھاراق ئىچىپ مەست ھالدا ئۆزىنىڭ 新M xx نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتىموبىلىنى ھەيدەپ (ئاپتىموبىلغا خالمۇرات قاھار، ئىمران تۇيغۇننى سېلىپ) ، xx ناھىيە تىنىچلىق غەربى يولىنى بويلاپ غەرىپتىن شەرىققە قاراپ ماڭغاندا، تىنىچلىق غەربى يول بۆلىكىدە چارلاش چوڭ ئەترىتى تىنىچلىق خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان. شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى (2019) 911– نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە، مە xx ىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 228 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن.
يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە: يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكار مە xx قاتناش– تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن– نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن، جاۋابكارنىڭ بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار مە xx غا 3 ئايدىن يوقىرى 4 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپى بېرىمىز، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : غە xx
گۈ xx
2020- يىلى 9- ئاينىڭ 19- كۈنى
ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .(3) دەلىل – ئىسپات تىزىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论