شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2019) 3232-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار يXX، ئەر ،ئۇيغۇر، 43ياش،كىملىك نۇمۇرى XX 652901، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،دېھقان، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى X يېزا X-كەنىت X-گورۇپ X-نۇمۇردا ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019– يىلى 7– ئاينىڭ 29– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى11-ئاينىڭ 30-كۈنى(2019) 1133-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋاپكار ي XX 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 14لەردە ئاقسۇ شەھەر بXX بازار ئىچىدە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئۆيىگە كېتىش ئۈچۈن بXXبازار ئىچىگە توختىتىپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ شۇ كۈنى سائەت 19:53لەر ئەتراپىدا 200مىتىردەك ماڭغاندىن كېيىن ، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار كېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا جاۋاپكار يXXنى ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنپ قىنىنى ئېلىپ تىخنكىلىق باھالاشقا يوللىغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار يXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 158.30مىللىگىرام بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار يXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ،خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك،جاۋاپكار يXXجىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل ،قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ،شۇڭا جاۋاپكار يXXغا 3ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 6000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : ئاXX
تەپتىش :جXX
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئىزاھات :
‹1جاۋابكار يXX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى : 135XX
2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论