阿瓦提县人民检察院
起 诉 书
阿瓦提县检一部刑诉〔2020〕18号
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت 1-بۇلۇم ج،ئە(2020) 18-نۇمۇرلۇق
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار يX ، ئەر، ئۇيغۇر ،19XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى : 65292819XXXXXXXXXX، يۇرتى ئاۋات ناھىيە ،قامىلىشىتىن ئىلگىركى ئولتۇرغى: ئاۋات ناھىيە X بازىرى Xر كەنىت X-گۇرۇپ X-نۇمۇر ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، XX شىركىتىنىڭ ۋاقىتلىق ئىشچىسى ،ماسسا، ئەقلى- ھوشى ساق، 2014-يىلى 10-ئايدا ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 3يىل 6ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۇكۇم قىلىنىپ 2018-يىلى 2-ئايدا قۇيۇپ بىرىلگەن . 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ تەستىقىلىشى بىلەن قۇلغا ئېلىنغان،ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار يXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ دىلونڭ سۇرۇك مۇددىتىنى 15كۇن ئۇزارتىپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.جاۋاپكار بۇ دىلونى تىز ھۇكۇم-كىسىم تەرتىۋىنى قۇللۇنۇپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
<1> 2019-يىلى9-ئاينىڭ23-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا جاۋاپكار يX كەنىت كومتىتىغا بايراق چىقىرىشقا چىقىپ بايراق چىقىرىش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئىككى چاقلىق <خوندا> ماركىلىق موتوسكىلىتىنى مىنىپ ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە XX يېزىسىغا كىلىپ X يېزا XX-كەنىت XX-گۇرۇپتىكى تXنىڭ ئۆيىگە ئۆينىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ ئوغۇرلىغىدەك نەق پۇل ياكى ماددى بۇيۇم تاپالمىغاندىن كېيىن تXنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن، ئارقىدىن جاۋاپكار يX تXنىڭ قوشنىسى گXنىڭ ئۆيىگە دەرىزىدىن كىرىپ ئۆينىڭ ئىچىنى ئاختۇرۇپ كىيىمنىڭ ئارىسىغا قۇيۇپ قويغان سومكىنىڭ ئىچىدىن 3300 يۇەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن.
<2> 2019-يىلى10-ئاينىڭ1-كۈنى جاۋاپكار يX كەنىت كومتىتىغا بايراق چىقىرىشقا چىقىپ بايراق چىقىرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆيىگە كىرىپ ئۇخلاپ سائەت 5لەر ئەتىراپىدا ئوغۇرۇلۇق قىلىش مەقسىتىدە X يېزا 7-كەنىت 2-گۇرۇپقا كىلىپ، ئاXنىڭ ئۆيىنىڭ دەرىزىسىنى ئىتتىرىپ ئېچىپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرمەكچى بولغاندا ئاX ئۆيدىن چىقىپ قالغان ۋە جاۋاپكار يXدىن « سىز كىمۇ، بۇ يەردە نىمىش قىلىسىز» دەپ سورىغان، جاۋاپكار ياXX «بىز رايۇندىن تەكشۈرۈپ چىققان كادىر،سىلەرنىڭ كەنىت كۇمىتىتى قايسى تەرەپتە» دىگەندە ئاX قۇلى بىلەن كەنىت كۇمىىتىتىنى كۇرسەتكەن، جاۋاپكار يX مەن بىرگە مىڭىڭلار،كەنىت كۇمىتىتىغا بارايلى دىگەندىن كىيىن ئاX يXنىڭ كەينىدىن ماڭغان،يX مۇسىكىلىتىنى توختۇتۇپ قۇيغان يەرگە كىلىپ ئاXنى مۇتىسىكىلىتقا مىندۇرۇپ 20مىتىر ماڭغاندا ئالدىغا تىرەكتۇر چىقىپ قىلىپ مۇتسىكىلىتىنى توختاتقاندا، ئاX مۇتىسىكىلىتىتىن چۇشۇپ قالغان،جاۋاپكار يX ئاX مۇتىسىكىلىتتىن چۇشۇپ قالغاندىن كىيىن موتسكىلىتىنى مىنىپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن.
دىلو پاش بۇلغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى گXنىڭ 3300يۇەن زىيىنى تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1›يازما ئىسپات 2> زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكىرى 5>ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرىسى، فۇتۇ-سورەت،ئۇن-سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار يXنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، تېز ھۆكۈم چىقىرىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق،شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق،65-ماددا بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋابكارنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە 10 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى،قوشۇمچە شىتراف قويۇش جازاسى بېرىش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش : ئەركىن ئېلى
2020-يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
قۇشۇمچە: 1›8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋىتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى. 2›جاۋاپكار ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论