شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە چىقىش (2020) 298-نومۇرلۇق
جاۋابكار يxx، ئەر، ئۇيغۇر،xx 19-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652925xxxxxxxxxxxx، ساۋاتىسىز، دېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى ۋە ئولتۇرۇشلىقى: توقسۇ ناھىيە xx يېزا xx كەنت 1-گۇرۇپ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن شايار ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، 2018-يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار يxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 9-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار يxx 2018-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر سائەت 1:00 لەر ئەتراپىدا توقسۇ ناھىيە xx يېزا xx كەنتىدىكى تۇرالغۇسىدىن xx كەنت بىلەن شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنتىنىڭ پاسىلىدىكى ئېتىزلىققا شاپتۇل يىيىش ئۈچۈن كىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى xxنىڭ xx كەنت تەۋەسىدىكى كېۋەز ئېتىزىنىڭ قىرىدىكى يۇللغۇنغا باغلاپ قويغان قىزىغۇچ قارا رەڭلىك بىر تۇياق چىشى ئېشىكىنى كۆرۈپ، ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىگە كىلىپ، xxنىڭ بۇ 8500 يۈەن قىممىتىدىكى ئېشىكىنى ئوغرىلاپ، شۇ كۈنى توقسۇ ناھىيە xx يېزا xx كەنت 1-گۇرۇپقا ئېلىپ بېرىپ، شۇ كەنتىلىك نxxگە ساتماقچى بولغاندا، نxx جاۋابكار يxxنىڭ ئىش-ھەركىتىدىن گۇمانلىنىپ، ئۆزى تورۇشلۇق كەنت كومىتېتى ئارقىلىق ساقچىلارغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، توقسۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشكەن. جاۋابكار يxx ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار يxxنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلىكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق. جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈككە ئېگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 1-تارماق، 72-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جاۋبكار يxxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار يxx جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئېتراپ قىلدى، جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئويغۇن، جاۋابكار يxxغا ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، بەش ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، جازاسىنى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، قوشۇمچە 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە شىتراف قويۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا، 222-ماددىسىغا ئاساسەن قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئاxx
مۇۋەققەت تەپتىش : ھxx
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى
قۇشۇمچە:1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، جاۋابكارنىڭ تۆۋىنامىسى، بىر توپلام تەھىققلەش دېلو ئارخبى (70 بەت) بىرگە يوللاندى.
2).جاۋابكار ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论