شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
شايار ت ئە چىقىش (2019) 478-نومۇرلۇق
جاۋابكار يxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19xx-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292419xxxxxxxxxx، دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت x-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 2010-يىلى 7-ئايدا شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 10 كۈن مەمۇرى توختىتىلغان. ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 2016-يىلى 12-ئايدا شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 15 كۈن مەمۇرى توختىتىلغان. ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار يxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019) 49-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدى. جاۋاپكار سوراق قىلدۇق.
تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشمىزچە:
جاۋابكار يxx 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر 0:40 مىنۇت ئەتىراپىدا دوستى ئەxxنىڭ ئۆيىدە ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كىيىن يالغۇز ئۆيگە قايىتپ كىتىۋېتىپ ئوغۇرلۇق قىلىش نىيتىدە شايار ناھىيە xx بازىرى تەۋەسىدىكى ئەxxنىڭ ئىككى قەۋەتلىك بىناسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئارقىلىق ھويلىغا كىرىپ xx ئاشخانىسىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى تاقالمىغان ئىشىكى ئارقىلىق ئاشخانىنىڭ زالىغا كىرىپ پۇل سالىدىغان تارتمىسىنى ئېچىپ ئىچىدىكى باغلاپ قويغان پارچە پۇلدىن جەمىئىي 210 يۈەن پۇلنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.
جاۋابكار يxx 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 2:00 لەر ئەتىراپىدا ھاراق ئىچىپ ئۆيىگە قايتىپ كىتىۋېتىپ شايار ناھىيە xx بازىرى xx ئاشخانىسى ئالدىغا كەلگەندە ئوغۇرلۇق قىلىش نىيتىدە يەنە ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا xx ئاشخانىسىغا كىرىپ پۇل سالىدىغان تارتمسىنى ئېچىپ باغلاپ قويغان پارچە پۇلدىن جەمئى 240 يۈەن پۇلنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.
جاۋابكار يxx 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر سائەت 4:30 لار ئەتىراپىدا شايار ناھىيە xx بازىرى ئىچىدە ھاراق ئىچىپ ئۆيىگە قايتىپ كىتىش جەريانىدا ئوغۇرلۇق قىلىش نىيتىدە «رxx» نىڭ ئىككى قەۋەتلىك سودا بىناسىنىڭ ئاستىدىكى ئاxxنىڭ «VIVO» يانفۇن سېتىش دۇكىنىنىڭ سىرتتىكى مۇداپىئە ئىشىكىنى ئاستىدىن قايرىپ ئېچىپ، ئەينەك ئىشىكنى چېقىپ ئىچىگە كىرىپ 1650.00 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە يانفۇن ئوغۇرلاپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىت يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە ۋە ئېنقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بىكىتىلدى.
مەھكىمىمىز جاۋابكار يxxنىڭ قانۇنسىز ئېگلىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپىرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە يxxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2018-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبناما، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى ئىككى توپلام ( 76 بەت) بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论