欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

伊某某交通肇事案起诉书(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى باغراش ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى باغراش ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 

ئەيىبلەشنامىسى

                                        ب. ت. ج  ئەيىبلەش   (2020 ) 42  - نومۇرلۇق

جاۋاپكار ئېXX،ئەر،ئۇيغۇر،1979–يىلىXX-ئاينىڭXX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6528291979،تۇلۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىسىگە ئىگە،مۇقۇم كەسپى يوق، ھازىرقى ئادرېسى ۋە نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئادىرسى باغراش ناھىسى X بازىرX يۇلىXنۇمۇر.بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.

 جاۋاپكار ئېXX باغراش ناھىيلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسسى تۇغدۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ 2020-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى جىنايى ئىشلاربۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى10-ئاينىڭ 16-كۈنى كېپىلىگە بىرلىگەن. 2020-يىلى11-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكمىمىز تەرىپىدىن كېپىلىگە بىرلىگەن.ھازىر ئائىلىسىدە.    

باغراش ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار ئىXXنىڭ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ  تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۇزۇپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى11-ئاينىڭ 13-كۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىنىشىنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەڭچىلىك پىرىنسىپىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋاپكارنىڭ ۋە  ئاقلىغۇچى ئادوۋكاتىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. 2020-يىلى11- ئاينىڭ13- كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ تۇققانلىرىغا  ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە  قانۇن بويىچە سۇئال سورىدۇق،پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.جاۋاپكاردىن قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، مەزكۇر دېلونى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك مۇقىملاشتۇردۇق. 

 قانۇن بۇيىچە تەكشۈرگىنىمىزدە : جاۋاپكار ئېXX2020-يىلى09-ئاينىڭ09-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى  سائەت09دىن30مېنۇت ئۆتكەندە، بىخەتەرلىك ئەسلھەلىرى تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن،تۇرمۇز ئىقتىدارى لاياقەتسىزبولغان 37583新新Q  نۇمۇرلۇق شېن يۈ ماركىلىق ئېغىر تىپتىكى ئۆزى چۈشۈرىدىغان يۈك ئاپتۇموبىلىغا (ئومۇمىي ئېغىرلىقى:37940كېلوگىرام،تېرە ئېغىرلىقى: 13620كېلوگىرام،ساپ ئېغىرلىقى: 24320كېلوگىرام)توپا-شېخىل بېسىپ، باغراش ناھىسى باغراش كۈلى يېزىسى توپا-شېخىل ئۇسۇش مەيداندىن باغراش ناھىسى بومبۇت بازىرىدىكى تۇپا-شېخىل چۈشۈرۈش مەيدانىغا قاراپ يولغاچىقىپ، دۆلەت يۇلى218لىنيە712كېلومېتر+100مېتىرغاكەلگەندە،ئالدى تەرەپتىكى ئاپتۇموبىل بىلەن بىخەتەرئارلىقنى ساقلىماي،سۈرئەتىنى بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ مېڭىپ ، ئالدى تەرەپتىكى   ھۈXX  ھەيدىگەن33822新新Mنۇمۇرلۇق جيالۇڭ ماركىلىق ئوتتۇراتىپتىكى ئۆزى چۈشۈرىدىغان يۈك ئاپتۇموبىلىنىڭ ئارقا سول تەرەپكە سۇقۇلغاندىن كېيىن،ئاپتۇموبىل توختىماي  داۋاملىق سول تەرەپكە مېڭىپ،قۇرلۇش قىلىۋاتقان يول بۈلۈكىگە بۈسۈپ كېرىپ،يول يۈزىدە قۇرلۇش قىلىۋاتقان زىيانلانغۇچى لىXX بېسىپ  ئۆتۈپ ، يەنەيولنىڭ غەرب  تەرىپىدە توختىتىپ  قۇيۇلغان新3826新ME  نۇمۇرلۇق جىياڭلىڭ ماركىلىق ئاپتۇموبىلنى سوقۇپ يول بۇيىدا توختىغان.نەتىجىدە زىيانلانغۇچى لىXX نىڭ نەق مەيداندائۆلىشى،ئۈچ ئاپتۇموبىلنى زىيانغا ئۇچىرىتىشتەك قاتناش ھادىسسىنى سادىر قىلغان.2020-يىلى09-ئاينىڭ25-كۈنى قانۇن دوختۇرىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا زىيانلانغۇچى لىXX قاتناش ۋەقەسىدە مېڭە ئېغىر دەرىجىدە زەخملىنىپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان. 2020-يىلى10-ئاينىڭ08-كۈنى باغراش ناھىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتى قاتناش ھادىسسى ئېتىراپنامىسى(6528291202000000010) دا جاۋاپكار ئېXXبۇ قانتاش ھادىسسدىكى پۈتۈن مەسئۇلىيتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ،باشقىلار مەسۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ يەكۈن چىقارغان.

        يۇقاردىكى جىنايەت پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى  قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار تۇلۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار ئىXXنىڭ ئەييىپلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا پىكرى يوق بۇلۇپ، ئۆزلىكىدىن جىنايەتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلدى. 

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكارئىXX قاتناش باشقۇرۇش قائىدە-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئۈلىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، قىلمىشىدىن ››جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى ‹‹نىڭ 133-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىشى كېرەك. ››جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىغا  ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۇم قىلغايسىزلەر. 

 

                                     تەپتىش :   غۇپۇرجان ھېكىم 

                                                          گۈلزىرە ئىمام

                                           2020-يىلى 12- ئاينىڭ9- كۇنى

قوشۇمچە :

1.جاۋاپكار ئىXX بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن بۇلۇپ،  ھازىر ئائىلىسىدە.

2.ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلو ئارخىبى1 جىلىد  بىرگە يوللاندى .  

3.«جىنايەتنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى» نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top