شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار تەپتىش ج ئە چىقىش (2020) 815-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئى XX ، ئەر، ئۇيغۇر، **19 -يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ******0717652924، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، دېھقان، شايار ناھىيە بازىرى ** يۇلى** -نومۇر قۇشۇمچە **- نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئى XXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10- ئاينىڭ 6-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019)733- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قائىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئى XX2020-يىلى6-ئاينىڭ2-كۈنى سائەت20:00 لار ئەتراپىدا، شايار ناھىيە بازىرى ** كوچىسى ** ئولتۇراق رايۇنىدىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا، ھاراق ئىچىپ مەست بۇلۇپ دۇكاندىن چىقىپ، شۇ دۇكاننىڭ ئالدىغا توختىتىپ قۇيۇلغان ئۆزىنىڭ新ND**** نومۇرلۇق (ساختا نومۇر تاختىيى ئورنىتىلغان)ئىككى چاقلىق، قىزىل رەڭلىك موتوسىكلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ كىتىۋېتىپ، شايار ناھىيە بازىرى خەلق مەيدانى خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار ئى XXنىڭ ھەر100mL قان سۇيۇقلىقى تەركىبدە mg268 ئىسپىرىت بارلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
يۇقارقى پاكىت يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قائىل بولغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئى XXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن موتورۇلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىلىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جاۋابكار ئىزاق رازاققا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ 2-تارماقچىسىدىكى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك. يول قاتناش تەرتىپىنى قانۇنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ15-، 176-، 222-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، مەزكۇر دېلوغا تىز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا ۋە جاۋابكار ئى XXنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار ئى XXقا 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2020يىلى 10-ئاينىڭ7-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论