起 诉 书
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت 1-بۆلۈم،ج ئە(2020) 173–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار كX،ئەر،ئۇيغۇر،19XX-يىل X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65292819XXXXXXXXXX،نوپۇستىكى ئادىرىسى:X ناھىيە X بازىرى X كەنتى X-گۇرۇپ X-نومۇر،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،پارتىيە ئەزاسى،دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان ،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار كXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،2020-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.جاۋابكار بۇ دىلونى تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋىنى قوللۇنۇپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 15:10 ئەتراپىدا،جاۋاپكار كX ئىX بىلەن بىرگە مولھوسۇللۇق 2-مەيدانغا بېرىپ تاماق يەپ تاماقتىن كىيىن ياندىكى دۇكانغا كىرىپ بىر بۇتۇلكا ئاق ھاراق ئىچكەن،سائەت 16:50 ئەتراپىدا جاۋاپكار كX پىراۋىسىز،مەست ھالەتتە ئىXنىڭ ئاشخانا ئالدىدا توختىتىپ قويغان 新NY**** نومۇرلۇق موتىسكىلىتىغا ئىXنى مىندۈرۈپ مولھوسۇللۇق 3-مەيدان يول بۆلىكىدە جەنۇپتىن شىمال يۆلىنىشىدە ھەيدەپ 100 مىتىرچە ماڭغاندا يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان قاتناش ساقچىللىرى تەرىپىدىن تۇسۇپ تەكشۈرلۈپ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان.
شنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسى ماددى ئىسپاتنى ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 6994-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدا:جاۋاپكار كXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 290.49 مىللىگىرام ئىسپىرىت بار دەپ باھالىغان.
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2›گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 3>جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكرى 5›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار كXنىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان،تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،تېز ھۆكۈم چىقىرىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق،شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە 4 ئاي 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،قوشۇمچە شىتراف قويۇش جازاسى بېرىش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:خانئايىم يۈسەن
ئەسقەر مەمەت
2020-يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
قۇشۇمچە:
1. جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە
2. 8 پارچە ئەيىبنامە،بىر توپلام 66 بەتلىك رازۋىدكا دىلوسى
3. جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولۇش تىلخېتى
4. ئوپتىك دېسكا( 2 دانە)
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论