شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە چىقىش (2020)752-نومۇرلۇق
جاۋابكار كXX، ئەر، ئۇيغۇر، -XXيىلى -XXئاينىڭ -XXكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى ،65292419XXXXXXXXXX: تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت -5گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن شايار ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى12-ئاينىڭ 29-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار كXXننىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020)535-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ك-XX XX يىلى -XXئاينىڭ -XXكۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:00 لەر ئەتىراپىدا XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت تەۋەسىدىكى كەچلىك بازاردىكى ھاراق دۇكىنىدا رXX بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن سۇرۇندىن تاراپ دۇكاننىڭ سىرتىغا چىقىپ جاۋابكار كXX دۇكاننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ 新NG35XX نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ XX بازىرى XX كەنىت -5گۇرۇپپىدىكى ئۆيىگە كېتىش ئۈچۈن مېڭىپ بېيجىڭ ۋاختى سائەت 01:20 لار ئەتىراپىداXX بازىرى XX كەنىت تەۋەسىدىكى يولدا كېتىۋاتقاندا چارلاۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تەكشۈرۈلۈپ بايقالغان.
باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار كXXننىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 193.92 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى،نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەت قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار كXXننىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق. جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشغا ۋە قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، پىراۋىسىز، موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار كXXغا 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: رXX
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (70بەت) بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار كېىپىلگە بىرىلگەن.
3) «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论