欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

凯某某危险驾驶案起诉书(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى               

                          شايار ت ج ئە چىقىش (2020)754-نومۇرلۇق

جاۋابكار قەXX، ئەر، ئۇيغۇرXX، 20-يىلى-XX ئاينىڭ-XX كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:XXXXXXXX65292420، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ياغاچچى، شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت -XXگۇرۇپ-XX نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن شايار ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ  5-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار قەXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020)506-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار قە-2019 XXيىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:30لار ئەتىراپىدا ئاXXبىلەن، شايار ناھىيە XX بازىرى«XX قەھۋەخانىسى»دا بىللە ھاراق ئىچىپ، ئاXX پىيادە ئۈيىگە قايتىپ كەتكەن، جاۋابكار قەXXشۇ يەرگە توختىتىپ قويغان ئاXXنىڭ 新NXXXX نۇمۇرلۇق، ئىككى چاقلىق، ئەرەنچە، قارا رەڭلىك موتسىكىلىتىنى ئۆزى يالغۇز پىراۋىسىز ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، بېيجىڭ ۋاقتى 23:00لەر بولغاندا، شايار ناھىيە XX يېزا XX كەنىتكە بارىدىغان يولنىڭ تەخمىنەن بىر كىلومىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، گۇو XX ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ ماڭغان 新NXXXXنۇمۇرلۇق، ئاق رەڭلىك پىكا ماشنىسى بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكەندىن كېيىن، موتسىكىلىتنى ھەيدەپ قېچپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن گۇو XX ماشنىسىنى ھەيدەپ جاۋابكار قەXXنىڭ كەينىدىن قوغلاپ تەخمىنەن تۆت كىلومىتىر ئارلىققا بارغاندا، جاۋابكار قەXX ھەيدەپ قاچقان موتسىكىلىتنى تۇسۇپ توختىتىپ، گۇو XX ئۆزىنىڭ XXXXXXX181نۇمۇرلۇق يان تېلفۇنى ئارقىلىق 110قوماندانلىق مەركىزىگە دىلو مەلۇم قىلغاندىن كېين شايار ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئوتتۇر ئەتىرتى ساقچىللىرى كىلىپ دىلو مەلۇم قىلغان نەق مەيداندا جاۋابكار قەXXنى قولغا چۈشۈرگەن. 

باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار قەXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 243 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى،نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەت قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار قەXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق. جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشغا ۋە قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، پىراۋىسىز، موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى، ھادىسە سادىر قىلغان ھەم يول قاتناش ھادىسە ئىتراپنامىسىدە پۈتۈن مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالغان، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار قەXXغا 5 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 10000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 تەپتىش: XXXXXX

           2020-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (106بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار كېىپىلگە بىرىلگەن.

3) «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top