كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك،ت1-بۈلۈم،ج،ئە(2020)39-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ق**، ئەر، ئويغۇر، 1990- يىلى 06- ئاينىڭ 15- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:****65292919900615، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **- گورۇپ **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ق**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالا قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ق** 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 23:00 لەر ئەتراپىدا، دوستى م** بىلەن بىللە ** بازىرى ** يولىدىكى كەچلىك بازاردا ئىككى بوتۇلكا ئاق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، سائەت 2:00 لەرگە يېقىن سورۇندىن تارقاپ سائەت 2:40 لار ئەتراپىدا ** ئولتۇراق رايۇنى ئالدىدىكى ئاپتۇمبىل توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويغان دوستى م**نىڭ ** 柯 نۇمۇرلۇق قىزىل رەڭلىك ئايالچە موتوسىكىلىتىنى ئۆزى پىراۋىسىز ھەيدەپ ئاپتۇمبىل توختىتىش مەيدانىدىن ** يولىغا چىققاندا، شۇ جايدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا، ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 197.43 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1. يازما ئىسپات 2. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بايانى 4. باھالاشنامە 5.جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ.جاۋابكار ق**نىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار ق**نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتوسىكىلىت ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، جاۋابكارغا 3 ئاي 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 7000 مىڭ يۇەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش:مەۋلان ئۇبۇل
2020-يىلى11-ئاينىڭ 15-كۈنى
1. قۇشۇمچە 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى
2.جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论