欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

努某某危险驾驶案

2021-09-26 独角龙 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

              ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2019) 3298号 -نۇمۇرلۇق

       ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

     جاۋاپكار  نXX ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 47 ياش ،  كىملىك نومۇرى :XX652901  ،تولۇق كۇرۇس مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، ئاقسۇ شەھەرلىك XX ئىدارىسىنىڭ كادىرى ، يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى ،ئاقسۇ شەھەر  XX ئولتۇراق رايونى  X-بىنا  X-كورپۇسX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق ،ئىلگىرى جازالانمىغان .خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن  2019-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.  

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى12-ئاينىڭ 5-كۈنى(2019) 1335-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

      2019-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 01:40 ئەتراپىدا،جاۋاپكار نXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھەر Xكوچىسى X خوگوخانىسىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان  新N XX   نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ ئاقسۇ شەھەر X-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلگەندە  شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا  قىلىۋاتقان  ساقچىلار  تەكشۈرۈش  جەريانىدا جاۋاپكار نXXنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى بايقاپ ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ،تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار  نXXنىڭ  ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 188 مىللىگىرام (mg/100ml188) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار نXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ،خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك،جاۋاپكار نXX جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل ،قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ،شۇڭا جاۋاپكار نXX غا 2ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 4000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .

تەپتىش : ئاXX

                     تەپتىش : جXX

                 2019-يىلى 12-ئاينىڭ  18-كۈنى

ئىزاھات : 

‹1جاۋابكار نXX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى :XX187 

2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى  ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top