欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

卡某某涉嫌危险驾驶案起诉书

2021-09-21 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت 1-بۆلۈم،ج ئە چىقىش(2020)340–نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار قX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىل X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65292819XXXXXXXXXX،نوپۇستىكى ئادىرىسى:ئاۋات ناھىيە X بازىرى X كەنتى X-گۇرۇپ X-نومۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ماسسا،دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان ،2020-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار قXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،2020-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.جاۋابكار بۇ دىلونى تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋىنى قوللۇنۇپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 21:00 ئەتراپىدا، جاۋاپكار قX ئاۋات ناھىيىسى شاڭتەي مېھمانخانىسنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىر خوگوخانىدا بىر مەھەللىلىك قوشنىسى ئادىل ئاۋۇت بىلەن بىرگە بىر بۇتۇلكا ئاق ھاراق ئىچكەن، سائەت 23:00 ئەتراپىدا جاۋاپكار قX بىلەن ئادىل ئاۋۇت خوگوخانىدىن چىقىپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ بېشئېرىق بازىرىغا كەلگەن، 2020-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 01:00 ئەتراپىدا، جاۋاپكار قX بېشرىق بازارلىق يولوچىلار بېكىتى يېنىغا قويغان    新N6*** نۇمۇرلۇق ساختا نۇمۇر تاختىسى ئېسىلغان ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنىڭ كەينىگە ئادىل ئاۋۇتنى ئولتۇرغۇزۇپ، بېشرىق بازار ئۈستۈنكى بېشئېرىق كەنت يولىدا شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، بېشئېرىق بازار ئۈستۈنكى بېشئېرىق كەنت ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ تەكشۈرۈلۈپ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان.

شنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسى ماددى ئىسپاتنى ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2020) 1672-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدا:جاۋاپكار قXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 207.85 مىللىگىرام ئىسپىرىت بار دەپ باھالىغان.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1› يازما ئىسپات 2›گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 3>جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكرى 5›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكار قXنىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان،تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،تېز ھۆكۈم چىقىرىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق،شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە 3 ئاي 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،قوشۇمچە شىتراف قويۇش جازاسى بېرىش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش:خانئايىم يۈسەن

       ئەسقەر مەمەت

2020-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى

   قۇشۇمچە:

1.​ جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە

2.​ 8 پارچە ئەيىبنامە،بىر توپلام 82 بەتلىك رازۋىدكا دىلوسى

3.​ جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولۇش تىلخېتى

4.​ ئوپتىك دېسكا( 3 دانە)

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top