欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

古某某涉嫌盗窃案起诉书

2021-09-19 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت 1-بۆلۈم،ج ئە چىقىش(2020)320–نۇمۇرلۇق

 جاۋاپكار XXX ، ئايال ، ئۇيغۇر، XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان ،  كىملىك نۇمۇرى: 65XX28XXXXXXXXXXXX ،  يۇرتى XX ناھىيە ، نۇپۇستىكى ئادرىسى XX ناھىيە XX يېزا XXXXكەنت 4-گۇرۇپ 70-نۇمۇر ، ھازىرقى ئولتۇرغى XX ناھىيە XX ئۈستۈنكى كەلپىن كەنت 4-گۇرۇپ 70-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ماسسا، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن XX ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە.

XX ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار XXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى مەھكىمىمىز 2020-يىل 7-ئاينىڭ 13-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 34-ماددا 2-تارماق،171-ماددا،173-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، دىلو بىجىرگۈچى تەپتىش خادىمى جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار XXX 2019-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆزى يالغۇز كۈمۈش رەڭلىك بىيادى F3 ماركىلىق ماشنىسىنى ھەيدەپ ئامبار باشقۇرۇش كومىتىتى يەكشەنبە بازار كەنتىدە ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى XX چوڭ-كىچىك بۇلۇپ 24 تۇياق قويىنى ئوغۇرلىغان.جاۋابكار XXX قويلارنى ھەيدەپ قارماي يولغا چىقىش جەريانىدا 6 تۇياق قوي يۇقاپ كەتكەن.يولغا چىققاندىن كېيىن گۇۋاھچى تۇراخان ئاۋۇت(جاۋابكار XXXنىڭ ئاپىسى)غا تىلفۇن قىلىپ « ئەرزان باھالىق قوي ئۇچۇراپ قېلىپ سېتىۋالغانتىم، شۇڭا توك موتسىكىلىتنى ھەيدەپ كەلسىڭىز ،مالنى بېسىپ ھەيدەپ ئېلىپ كەتسەك» دىگەن، ئاپىسى تۇراخان ئاۋۇت بېيجىڭ ۋاقتى 11:30 لاردا گۇماندار XXXنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەن، بۇ ۋاقىتتا گۇۋاھچى دىلشات مەمەت ئۆزىنىڭ ئاق رەڭلىك توچەيلىك ماشىنىسىنى ھەيدەپ قوشنىسى ئوسمان مەمەت بىلەن كىلىپ قالغان، جاۋابكار XXX دىلشات مەمەت بىلەن يۇقارقى قويلارنى ئاپىسىنىڭ غوروچۆل بازىرى قۇمبۇلاق كەنىت 5-گۇرۇپتىكى ئۆيىگە ئاپىرىپ بىرىشنى 300 (ئۈچ يۈز) يۈەنگە دىيىشكەن، ھەمدە قويلارنى ئاپىرىپ تۇراخان ئاۋۇتنىڭ ئۆيىدىكى قوتانغا سولاپ قويغان .جاۋابكار XXX ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا تۇلۇق ئىقرار، 18 تۇياق قوي ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلگەن، 6 تۇياق قويغا قارىتا جاۋابكار XXX زىيانلانغۇچى ئالىم قادىرغا 5000(بەش مىڭ ) يۈەن تۆلەپ بەرگەن، زىيان تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.

 ئاۋات ناھىيلىك باھا بېكىتىش ئىدارىسى (2019)144-نومۇرلۇق باھالاشنامىدە   جىنايەت گۇماندارى XXX ئوغۇرلىغان 24 تۇياق قوينىڭ باھاسىنى 23780 (يىگىرمە ئۈچ نىڭ يەتتە يۈز سەكسەن ) يۈەن  دەپ باھالىغان.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1› يازما ئىسپات 2›زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3>گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 4›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 5›باھالاش پىكرى 6>ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە فوتو سۈرەت قاتارلىقلار بار.

 يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكار XXXنىڭ قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ،زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

XX خەلق سوت مەھكىمىگە

تەپتىش:خانئايىم يۈسەن

مۇيەسسەر ئەنۋەر

2020-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى

   قۇشۇمچە: 

    1>جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە.

2› 8 پارچە ئەيىبنامە،بىر توپلام 168 بەتلىك رازۋىتكا دېلوسى

    3>ئوپتىك دېسكا ئالتە دانە

    4>ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top