欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

古某某涉嫌诈骗案起诉书

2021-09-23 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت،ئە،1-بۈلۈم (2020)301–نۇمۇرلۇق 

جاۋاپكار xx، ئايال، ئۇيغۇر،xx-يىل x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:xx، نۇپۇستىكى ئادىرسى:شىنجاڭ xx-نۇمۇر xx رايۇنى x-بىنا xx-نۇمۇر، xx مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،مۇقۇم كەسپى يوق، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن xx ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،2020-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۇنى مەھكىممىز تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان،ھازىر xx ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

  xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار xxنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن دېلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلىشىغا قايتۇردى، xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تۇلۇقلاپ 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى قايتا يوللىغاندىن كېيىن مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بىرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:  

   2018-يىلى4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جاۋاپكار xxزىيانلانغۇچى xx بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان.ھەم زىيانلانغۇچى xx بىلەن تېلفون ۋە ئۈندىداردا ئالاقىلىشىپ يۈرگەن.بۇ جەريانىدا جاۋاپكار xxزىيانلانغۇچى xxنىڭ ئىككى ئاغىينىسى زىيانلانغۇچى xxxx بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان.شۇنىڭدىن كېيىن جاۋاپكار xx بىلەن زىيانلانغۇچى xx قاتارلىقلار تىلىفۇندا ۋە ئۇندىداردا ئالاقىلىشىپ يۇرگەن. ئالاقىلىشىش جەريانىدا زىيانلانغۇچى xx جاۋاپكار xxكە ئۆزنىڭ كېيىم كېچەك دۇككىنى ئۆتكۈزىۋىتىپ باشقا ئىش قىلغۇسى بارلىقىنى دېگەندە،جاۋاپكار xxئۇنىڭغاxx ج خ ئىدارىسدىن خىزمەت ھەل قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى دېگەن، كېيىن  بۇگەپلەردىن زىيانلانغۇچى xx قاتارلىقلارمۇ خەۋەر تاپقان،ھەمدە ئۇلارنىڭمۇ ساقچى بولۇپ خىزمەت قىلىش ئىستىكى قوزغالغان. ئارىدىن يەنە بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ زىيانلانغۇچى xx قاتارلىقلار جاۋاپكار xx بىلەن xx ناھىيسىدە كۆرۈشۈپ ئۆزئارا مەسلىھەتلەشكەن، جاۋاپكار xx زىيانلانغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ xxرايونلۇق ئەدىلىيە xxنىڭ تۇققىنى ئىكەنلىكىنى ھەمدە xx ج خ ئىدارىسنىڭ پارتىكوم دائىمى ھەيئەت ئەزاسى xx بىلەن تونۇشىدىغانلىقى، شۇئارقىلىق زىيانلانغۇچىلارغا خىزمەت ھەل قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئۇلاردىن ھەربىر ئادەم 80 مىڭ يۈەندىن پۇل تەييارلاشنى تەلەپ قىلغان.ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ تەخمىنەن 2018-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى زىيانلانغۇچى xx پۇل تەييارلاپ زىيانلانغۇچى xxنىڭ ئاق رەڭلىك تويوتا RAV4 ماركىلىق دالا ماشىنىسى بىلەن xx ناھىيەسىگە جاۋاپكار xx ئىزدەپ بېرىپ،xx ناھىيە بازىرى ئېلىكتىر شىركىتى ئەتىراپىدىكى پوچتا بانكىسى ئالدىدا كۆرۈشۈپ،زىيانلانغۇچى xxنىڭ ماشىنىسى ئىچىدە جاۋاپكار xxكە زىيانلانغۇچى xx 20 مىڭ يۈەن،زىيانلانغۇچى xx 30مىڭ يۈەن، ئىككىسى جەمىي 50 مىڭ يۈەن نەق پۇل بەرگەن.كېيىن زىيانلانغۇچى xxمۇ دوسلىرى بىلەن بىللە ساقچى بولۇش ئۈچۈن جاۋاپكار xxكە كۆپ قېتىمغا بۆلۈپ جەمىي 57 مىڭ يۈەن پۇلنى ئۈندىدارىغا ئېتىپ بەرگەن، ئۇندىن باشقا جاۋاپكار xx بىلەن xx ناھىيە بازىرى ۋە xx كۆرۈشۈپ بىر قانچە قېتىمدا جەمئى 23 مىڭ يۈەن نەق پۇل بەرگەن. بۇ جەرياندا جاۋاپكار xx ئىلگىرى كېيىن بولۇپ زىيانلانغۇچى xx جەمىي 80مىڭ يۈەن پۇل ئالغان(زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن).

   جاۋاپكار xx بۇ پۇللارنى ئالغاندىن كېيىن داۋاملىق يەنە زىيانلانغۇچىلاردىن پۇل تاپشۇرۇشنى تەلەپ  قىلغان.بۇ چاغدا زىيانلانغۇچى xxxx ناھىيلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش مەركىزىگە تەربىيلىنىشكە كەتكەن. زىيانلانغۇچى xx پۇل تەييارلاپ زىيانلانغۇچى xx بىلەن xx كېلىپ xx ئەتىراپىدا جاۋاپكار xx بىلەن كۆرۈشۈپ 20 مىڭ يۈەن نەق پۇل بەرگەن. كېيىن زىيانلانغۇچى xx بىرقانچە قېتىمغا بۆلۈپ ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلق جەمىي 25 مىڭ يۈەن پۇلنى جاۋاپكار xxئۈندىدارىغا يوللاپ بەرگەن، ئارلىقتا بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ زىيانلانغۇچى xx بىلەن جاۋاپكار xx x xxپىيادىلەر كوچىسىنىڭ ئالدىدىكى بىر تورىت خاننىڭ ئالدىدا كۆرۈشۈپ زىيانلانغۇچى xxتىن 15 مىڭ يۈەن نەق پۇل تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇجەرياندا زىيانلانغۇچى xx جاۋاپكار xxكە جەمئي 80 مىڭ يۈەن پۇل بەرگەن(زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن). 

   زىيانلانغۇچىxx كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش مەركىزىگە كەتكەندىن كېيىن جاۋاپكار xx زىيانلانغۇچىxxنىڭ ئاپىسى xxنىڭ xx ناھىيە xx سودا شەھەرچىسى ئالدىدىكى  ئۆي بېزەك ماتىرياللىرى سېتىش دۇكىنغا بېرىپ كۆرۈشۈپ زىيانلانغۇچى xxنى xx مەركىزىدىن ئايرىپ چىقىرىپ قويۇشنى ۋەدە قىلىپ  زىيانلانغۇچى xxتىن 35 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئالغان،زىيانلانغۇچى xx كېيىن يەنە زىيانلانغۇچى xx ئارقىلىق جاۋاپكار xxنىڭ قۇرۇلۇش بانكا كارتا نومۇرىغا 20 مىڭ يۈەن پۇلنى سېلىپ بەرگەن. يۇقارقى جەريانلاردا جاۋاپكار xx زىيانلانغۇچى xxتىن ئوغلى xx مەركىزىدىن ئايرىپ بىرشنى باھانە قىلپ 55 مىڭ يۈەن، زىيانلانغۇچى xxدىن خىزمەت ھەل قىلىپ بىرشنى باھانە قىلپ 30 مىڭ يۈەن جەمىي 85 يۈەن پۇل ئالغان(زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن).

   2019-يىلى1-ئايلاردا، جاۋاپكار xx زىيانلانغۇچىxxxx ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ناخشىچىسى xx بىلەن ناخشا ئاۋازغا ئالغۇزۇش جەريانىدا تونۇشۇپ جاۋاپكار xx مىنىڭ دادام باشلىق،قانداق ئىشىڭىز بولسا مەن ياردەم قىلىمەن،دەپ زىيانلانغۇچى xxنىڭ ئايالى xxنىڭ خىزمىتىنى xx يەسلىسىدىن xx بىرەر يەسلىگە يۆتكەپ قويۇشنى ۋەدە قىلىپ 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئىككى قېتىمدا جەمئى 20 مىڭ يۈەن پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاپشۇرۇپ ئالغان، شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن باشقىلارنى مىھمان قىلىش ئۈچۈن سورۇن پۇلى دەپ 4600 يۈەن پۇلنى زىيانلانغۇچى xxدىن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالغان،2019-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە، زىيانلانغۇچى xx ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋاپكار xxكە ئىككى قېتىمغا بۈلۈپ 20 مىڭ يۈەن پۇلنى ئاغدۇرۇپ بەرگەن. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، زىيانلانغۇچى xx جاۋاپكار xxكە ئۈندىدار ئارقىلىق 5 مىڭ يۈەن پۇلنى ئاغدۇرۇپ بەرگەن، 2019-يىلى 10- ئاينىڭ 7-كۈنى،زىيانلانغۇچى xx 300 يۈەن پۇلنى ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋاپكار xxنىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، بۇجەرياندا زىيانلانغۇچى xx جاۋاپكارxxكە جەمىي 49900 يۈەن پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق يۆتكەپ بەرگەن.

   زىيانلانغۇچى xx ئايالىنىڭ خىزمەت ئىشى ھەل بولمىغاچقا جاۋاپكار xx 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈندىدار ئارقىلىق زىيانلانغۇچى xxغا 10 مىڭ يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى جاۋاپكار xxنىڭ يولدىشى xx زىيانلانغۇچى xxنىڭxx بانكىسنىڭ بانكا ھىساۋات نۇمۇرىغا 20 مىڭ يۈەن پۇلنى ئاغدۇرۇپ بەرگەن. زىيانلانغۇچى xxنىڭ قالغان 19900 يۈەن پۇلنى ھازىرغا قەدەر قايتۇرۇپ ئالالمىغان.

  جاۋاپكار xx ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ زىيانلانغۇچى xxتىن 80000 يۇەن،زىيانلانغۇچى xxدىن 85000 يۇەن،زىيانلانغۇچى xxدىن 80000 يۇەن،زىيانلانغۇچى xxدىن 49900 يۇەن بۇلۇپ جەمئى:294900 يۇەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان بۇلۇپ بۇ پۇللاردىن زىيانلانغۇچى xxنىڭ 30000 يۇەن پۇلنى قايتۇرۇپ قالغان زىيانلانغۇچىلار ھەم xxنىڭ بۇلۇپ جەمئى 264900 يۇەن پۇلنى ھازىرغىچە قايتۇرمىغان.

    يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:

1›ماددىي ئىسپات2› يازما ئىسپات 3›زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 4> جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
     يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋابكار xxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا2-تارماق بەلگىلمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋابكار xxنىڭ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،جاۋاپكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ ،جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاش كېرەك،دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

  ھۆرمەت بىلەن:

 xx ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

باش تەپتىش: xx

ياردەمچى تەپتىش:xx

2020-يىل 9-ئاينىڭ4-كۈنى

 قۇشۇمچە:

1› جاۋاپكارxx ھازىر قاماقخاندا.

2›8پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن ئىككى توپلام رازۋېتكا دېلوسى (255بەت)؛

3›4دانە ئوپتىك دىسكا(جاۋاپكارنىڭ ماس قەدەملىك سوراق خاتىرىسى)

4› جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى

5›بىر دانە ئالما xmax ماركلىق ئالتۇن رەڭلىك ئەقىلى ئىقتىدارلىق يان تېلفۇن؛

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top