شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2019) 3204-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ت XX، ئەر، ئۇيغۇر، 42 ياش، ، كىملىك نۇمۇرى: 652901 ، تۇلۇق كۇرۇس مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ئاقسۇ شەھەرX يېزىلىق سۇ پونكىتىنىڭ كادىرى، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇشەھەر X ئولتۇراق رايونى X-رايون X-بىنا X-كورپۇس X-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019– يىلى 6– ئاينىڭ 18– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن،
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى11-ئاينىڭ 19-كۈنى(2019) 969-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2019- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 21:30 ئەتراپىدا، جاۋاپكار تەXX ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئاقسۇ شەھەر X ئولتۇراق رايونىغا توختىتىپ قويغان 新N X نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ 6-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 05:07لەر ئەتراپىدا ئاقسۇ شەھەرX يولى X كۆۋرۈكنىڭ ئەتراپىغا كەلگەندە ماشىنىنى كونتىرول قىلالماي گۈللۈككە كىرىپ كەتكەن ،شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار كېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا جاۋاپكار ت XXىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى بايقاپ ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ،تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار ت XXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 186.44 مىللىگىرام (mg/100ml186.44) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار تەXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكار ت XX جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل،قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ،شۇڭا جاۋاپكار ت XXغا 2ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 4000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : ئاXX
تەپتىش :جXX
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى
ئىزاھات :
‹1جاۋابكار تەXX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى : XX 130
2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论