ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ت 1-بۆلۈم ج ئە (2020)427 –نۇمۇرلۇق
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ئى XX موللامەت، ئەر، ئۇيغۇر، XXXX-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652928199XXXXXXX2، نۇپۇستىكى ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاۋات ناھىيە XXX يېزا XXX كەنت3-گۇرۇپ 101-نۇمۇر، دېھقان، ماسسا، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىككە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئى XX موللامەتنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 11-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
زىيانلانغۇچى مۇھاببەت داۋۇت 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇسۇپ تەكشۈرۈلۈپ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان، ھەم ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ تۈرلۈك تەكشۈرۈشلىرىنى قۇبۇل قىلغان، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا زىيانلانغۇچى مۇھاببەت داۋۇت ئاۋات ناھىيە يۇلۇچىلار بىكىتىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى« بىلال تىز تاماقخانىسى»غا كىرىپ تاماق يىيىش جەريانىدا ياندىكى ئۇرۇندا ئولتۇرغان ئى XX مولامەتنىڭ باشقىلار بىلەن شوپۇرلۇق پىراۋىسى تۇغۇرلۇق پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئى XX مولامەتكە ئۆزىنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى،مۇمكىن بولسا شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنگەن ، جاۋاپكار ئى XX موللامەت مۇھاببەت داۋۇتنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرىنى قالدۇرۇۋالغان، شۇ كۈنى كەچتە جاۋاپكار ئى XX موللامەت مۇھاببەت داۋۇتقا تىلفۇن قىلىپ « پىراۋىڭىزنى ئۆلتۈرىۋەتمەيدىغاننىىڭ ئامالىنى قىلامسىز »دېگەن، مۇھاببەت داۋۇت ھەل بولامۇ، بولسا ھەل قىلىپ بەرسىڭىز دېگەن، ئى XX موللامەت بۇنىڭغا 20مىڭ يۈەن پۇل كېتىدۇ دېگەن مۇھاببەت داۋۇت ھەل بولىدىغان ئىش بولسا نەچچە پۇل كەتسە مەيلى دېگەن، شۇنىڭ بىلەن جاۋاپكار ئى XX موللامەت ئۆزىنىڭ ئۈندىدار ئىسمى ،ئۈندىدا نۇمۇرى «wxid-hdakXXbegbt12» بولغان ئۈندىدارىغا زىيانلانغۇچى مۇھاببەت داۋۇتنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇپ ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ يۈرگەن، بىر ھەپتىدىن كېيىن جاۋاپكار ئى XX موللامەت مۇھاببەت داۋۇتقا مۇناسىۋەتلىك ئادەم بىلەن كۆرشۇپ قويغانلىقىنى، ئالدىن 10000يۈەن (ئون مىڭ يۈەن) بىرىدىغانلىقىنى، قالغان 10000يۈەن (ئون مىڭ) نى ئىش ھەل بولغاندا بەرسە بولىدىغانلىقىنى ئېيىتقان، زىيانلانغۇچى مۇھاببەت داۋۇت 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۇنى سائەت 13:42:39 دا 2000يۈەن، 13:43:04 دا 2000يۈەن، 13:43:28 دە 1000يۈەن پۇلنى ئۈندىداردا ھېساپ يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق جاۋاپكار ئى XX موللامەتكە بەرگەن ،2019-يىلى1-ئاينىڭ27-كۈنى 14:15:35 دە 2000يۈەن، 14:15:55 دە 2000يۈەن ،14:16:16 دە 1000يۈەن پۇلنى ئۈندىداردا ھېساپ يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق جاۋاپكار ئى XX موللامەتكە بەرگەن، مۇھاببەت داۋۇت 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى ئۈچۈن 1 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىدا جىنايى جازا ئۆتىگەن، جاۋاپكار ئى XX موللامەت زىيانلانغۇچى مۇھاببەت داۋۇتتىن ئالداپ ئېلىۋالغان 10مىڭ يۈەننى خەجلەپ تۈگەتكەن، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچى مۇھاببەت داۋۇتنىڭ زىينى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2›زىيانلانغۇچنىڭ بايانى، 3›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار ئى XX موللامەتنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛ جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش : خانئايىم يۈسەن
2020-يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
قۇشۇمچە:
1›بىر توپلام رازۋىتكا دىلوسى،8 پارچە ئەيىبنامە، بىر پارچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، بىر پارچە جىنايىتى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى،بىر پارچە جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئۈچ دانە ئوپتىك دېسكا بىرگە يوللاندى.
2›جاۋاپكار ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论