شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى xx ئاپتونۇم ئوبلاستى
xx ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
xx ت ج ئەيىپلەش 1-بۆلۇم (2020) 83- نومۇرلۇق
جاۋاپكارئىس xx ، ئەر، ئۇيغۇر، xx– يىلى xx– ئاينىڭ xx– كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومىرى: 652823 xx ، نوپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيە xx يېز xx كەنىت xx غەربىي يولى xx -نۇمۇر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: ئاشپەز. 2019– يىلى 11– ئاينىڭ 4– كۈنى خەتەرلىك يول يۇرۇش قىلمىشىغا چېتىشلىق گۇمانى بىلەن xx ر ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.2019– يىلى 11– ئاينىڭ 7– كۈنى خەتەرلىك يول يۇرۇش قىلمىشىغا چېتىشلىق گۇمانى بىلەن xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دېلوسى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە .
xx ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار ئىس xx نىڭ خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم، نۆۋەتچى ئادوۋكادنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى، جاۋابكار ئىس xx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:
2019– يىلى 10– ئاينىڭ 7– كۈنى سائەت 2:15 ئەتراپىدا، جاۋابكارئىس xx ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新M xx نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتومۇبىلنى، xx ناھىيە xx -ئولتۇراق رايونى xx -بىنانىڭ ئالدىدىكى كىرىش ئىغىزىدا شەرىقتىن غەرىپكە ياندۇرۋاتقاندا، xx ناھىيە ج خ ئىدارىسى چارلاش چوڭ ئەترىتى بازارلىق خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان. شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى (2019) 6834– نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە، ئىس xx پنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 177.78 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن.
يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە: يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكار ئى xx قاتناش– تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن– نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن، جاۋابكارنىڭ بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ، خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار ئىس xx قا 2 ئايدىن يوقىرى 3 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
xx ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : غە xx
نۇ xx
2020- يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى
ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论