ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا، ت، بىرىنجى بۆلۈم، ج، ئە (2020) 444-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار تۇ XX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىل XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXX65292819، يۇرتى XX ناھىيە، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى XX ناھىيە XX بازار XX كەنت XXگۇرۇپ XXنۇمۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دىھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرپىدىن كىپىللىككە بىرىلگەن.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار تۇ XX نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جاۋابكار تۇ XX گە جىنايەت ۋە جازانى تونىغاندىن كېيىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇلدى، جاۋابكار بۇ دىلونى تىز ھۈكۈم كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 21:00 ئەتىراپىدا جاۋابكار تۇ XX ئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى XX ناھىيە XX كەنت XXگۇرۇپتىكى ئۆيىدىن ھەيدەپ ئاۋات ناھىيە بېشئېرىق بازىرى دۆڭبويى 1-كەنت پاختا زاۋۇت يېنىدىكى بىر دۇكانغا كىرىپ ئۆزى يالغۇز پىۋا ئىچكەن. سائەت 23:30 ئەتىراپىدا جاۋابكار تۇ XX دۇكاندىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن دۇكان ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى مەس ھالەتتە پىراۋىسىز ھەيدەپ ئاۋات ناھىيە بېشئېرىق بازار سۇغىچى قارتال كەنت 2-گۇرۇپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە كونتىروللۇقىنى يوقۇتۇپ يىقىلىپ چۈشكەن. سۇغىچى قارتال كەنت ساقچىسى ئە XX بىلەن ياردەمچى ساقچى چارلاش جەريانىدا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى بايقاپ ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى 110 قوماندانلىق مەركىزىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان.
شنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلارنى ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 3030-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا: جاۋابكار تۇ XX نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 225.28 مىللىگىرام ئىسپىرىت بار دەپ باھالىغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:
1›يازما ئىسپات 2› جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 3› باھالاش پىكىرى 4› نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو-سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراب قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار تۇ XX نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئسىپاتى تۇلۇق. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، جاۋابكار تۇ XX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ جاۋابكار تۇ XX گە 3 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
مۇئاۋىن باش تەپتىش: ماھىرە ئابلا
دىلشات مۇتەللىپ
2020-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى؛
2› جاۋاپكار تۇ XX ئائىلىسىدە.
3› جىنايەت ۋە جازانى تونۇش تىلخېتى بىر پارچە؛
4› ئوپتىك دىسكا 2 دانە (دىلو ماتىريالى)
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论