شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى باغراش ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ب ت ج ئەيىبلەش (2020 ) 43- نومۇرلۇق
جاۋاپكار ت، XXئەر، ئۇيغۇر،- 1973يىلى- Xئاينىڭ- Xكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6528291973XXXXXXXX، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيسىگە ئىگە، دېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى باغراش ناھىيە X يېزا X كەنت Xگۇرۇپپا Xنۇمۇر، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.
جاۋاپكار ت-2020 XXيىلى 7- ئاينىڭ 8- كۈنى باغراش ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەتىۋارلىق، يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلار بويۇمىنى قانۇنسىز توشۇش جىنايىتى بىلەن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلىگەبىرىلگەن. 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئا ئىلىسىدە.
باغراش ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار تXXنىڭ دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلار بويۇمىنى قانۇنسىز توشۇش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۇزۇپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى11-ئاينىڭ 13-كۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىنىشىنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەڭچىلىك پىرىنسىپىنى ئۇقتۇردۇق.جاۋاپكاردىن قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، مەزكۇر دېلونى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك مۇقىملاشتۇردۇق.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرگىنىمىزدە :
جاۋاپكار تXX 2020 -يىلى6-ئاينىڭ7-كۈنى ئە، XXئە، XXئۆ، XXمۇ، XXتۇ، XXئېXX قاتارلىقلار بىلەن ئەXXنىڭ تېرەكتۇرنى ئېلىپ چۈشۈش بىلەن بىرگە ئويناپ كېلىش مەقسىتىدە، خوشۇت ناھىيىسىنىڭ خوڭسەن تېغىغاچىقىپ، شۇ كۈنى كەچتە قاXXنىڭ مېھمان قىلىشى بىلەن قاXXنىڭ جاڭپىڭىدا ھاراق ئىچىپ قۇنۇپ قالغان، جاۋاپكار تXX ئەتىسى يەنى 2020 -يىلى6-ئاينىڭ8-كۈنى ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلىش جەريانىدا، قاXXنىڭ قوتۇنىنىڭ ئەتىراپىدىن بىر دانە دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك ياۋايى ھايۋان شىمال تاغ تېكىسىنىڭ باش سۆڭىكىنى تېپىۋىلىپ، قا،XX ئە، XXئەXXلارنىڭ بۇنى ئېلىپ ماڭساڭ بولمايدۇ دىگىنىگە قارىماي، ئەXXنىڭ(新28.87870)نۇمۇرلۇق تېرەكتۇرغا بېسىپ باغراش ناھىيسىگە يۆتكەپ ئەكىلىپ، باغراش ناھىيە X يېزا X كەنىتX-گۇرۇپىدىكى ئۆXXنىڭ(باشقا دىلودا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ)ئۆيىگە قويۇپ قويغان،2020-يىلى6-ئاينىڭ10-كۈنى جاۋاپكار تXX ئۆXXنىڭ ئۆيىدىن ئۆزى ئەXXنىڭ تېرەكتۇرىغا سېلىپ قانۇنسىز يۆتكەپ ئەكەلگەن بىر دانە دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك ياۋايى ھايۋان شىمال تاغ تېكىسىنىڭ باش سۆڭىكىنى ئېلىپ چىقىپ، باغراش ناھىيەXيېزا X كەنىتX-گۇرۇپتىكى ئۆزىنىڭ تىجارەت قىلۋاتقان«مەنسا تاللابازىرى»دىگەن دۇكىنىغا تىزىپ قويغان . 2020-يىلى-6 ئاينىڭ29-كۈنى باغراش ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ئورمانچىلىق ساقچىخانىىسىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان.2020-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ ئەدلىيىلىك باھالاش نەتىجىسىدە بۇ ياۋايى ھايۋاننىڭ باش قىسىمى سۆڭىكى ۋە مۇڭگۈزى بولسا دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك ياۋايى ھايۋان شىمال تاغ تېكىسىنىڭ باش سۆڭىكىCapra ibex) 角 (北山羊دەپ باھالاپ چىققان،2020-يىلى10-ئاينىڭ 16-كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئوبلاستلىق باھا بىكىتىش ئورنىنىڭ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە بۇ دىلوغا چېتىشلىق دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك ياۋايى ھايۋان شىمال تاغ تېكىسىنىڭ باش سۆڭىكى ۋە مۈڭگۈزى بۇيۇمىنىڭ باھاسىنى80000 ) سەكسەنمىڭ) يۇەن خەل پۇلى دەپ باھالاپ چىققان.
يۇقاردىكى جىنايەت پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار تۇلۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار تXXنىڭ ئەييىپلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا پىكرى يوق بۇلۇپ، ئۆزلىكىدىن جىنايەتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار تXX بىر دانە دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك ياۋايى ھايۋان شىمال تاغ تېكىسىنىڭ بۇيۇمىنى (باش سۆڭىكى ۋە مۈڭگۈزى) قانۇنسىز يۆتكەپ ماڭغان قىلمىشىدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى ›› نىڭ 341-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، يۇقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز تۇشۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ . جاۋاپكار تXXنى ››جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۇم قىلغايسىزلەر.
تەپتىش : غۇپۇرجان ھېكىم
گۈلزىرە ئىمام
2020-يىلى 12- ئاينىڭ10- كۇنى
قوشۇمچە :
1.جاۋاپكارتXX بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن بۇلۇپ، ھازىر ئائىلىسىدە.
2.ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلو ئارخىبى1 جىلىد بىرگە يوللاندى .
3.«جىنايەتنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论