欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

吾某某危险驾驶案起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى

لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2019) 88- نومۇرلۇق 

جاۋاپكارئو**،ئەر،ئۇيغۇر،1982-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى******6528231982،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپىي:چارۋىچى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسىۋەھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى:لوپنۇر ناھىيە ** يېزىسى** كەنتى**- نومۇر ، 2018-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كېپىلگە بېرىلگەن،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

لوپنۇر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكارئو**نىڭ خەتەرلىك يول يۈرۈش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،2019- يىلى11- ئاينىڭ14- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . جاۋابكار ئو**مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە: 

جاۋاپكار ئو** 2018-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى سائەت 00دىن 05مىنۇت ئوتكەندە، ھاراق ئىچىپ 新M**نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى ھەيدەپ ،لوپنۇر ناھىيە** يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،شۇ جايداۋەزىپەئۆتەۋاتقان لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى **يېزىلىق ساقچىخانا ساقچىلىرى تەرپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى (2018)7327– نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە ،جاۋاپكار ئو**نىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە172 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن .

يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى: يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋاپكار ئو**نىڭ قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك .

مەزكۇر دېلۇنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار ئو**غا3ئايدىن تۆۋەن 2ئايدىن يۇقۇرى ، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

         ھۆرمەت بىلەن : لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە  

تەپتىش : تۇرسۇن راخمان 

2019- يىلى 11- ئاينىڭ 15-كۈنى

ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى يوللاندى . 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top