ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا، ت، بىرىنجى بۆلۈم، ج، ئە (2020) 259-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئۆ XX، ئەر، ئۇيغۇر، **** -يىل **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XX65292819، يۇرتى ئاۋات ناھىيە، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى ئاۋات ناھىيە XX بازار XX كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دىھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئۆ XX نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جاۋابكار ئۆ XX غا جىنايەت ۋە جازانى تونۇغاندىن كېيىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرلدى، جاۋابكار بۇ دىلونى تىز ھۈكۈم كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 12:00 ئەتىراپىدا جاۋابكار ئۆ XX ئۆزى يالغۇز ئاۋات ناھىيە غوروچۆل بازار قارتال كەنت 3-گۇرۇپ 40-نۇمۇردىكى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ جىنجۇ ماركىلىق قىزىل ھاراقتىن تۆت قۇتا ئىچىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 ئەتىراپىدا مولھوسۇللۇق 1-مەيدانغا كىلىپ، شۇ يەردىكى بىر دۇكاندا ئاغىنىسى ئى XX بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئالتا قۇتا پىۋا ئىچكەن، ئاندىن جاۋابكار ئۆ XX ئاغىنىسى ئى XX نىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇخلاپ سائەت 23:00 ئەتىراپىدا نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا ئاغىنىسى ئى XX نى ئولتۇرغۇزغۇپ مولھوسۇللۇق 1-مەيداندىن ئاۋات ناھىيە بازار ئىچىگە كىلىپ ئەسىر سودا سارىيى ئەتىراپىدىكى دۇكانداىن تاماكا ئېلىۋىلىپ ئاۋات ناھىيە بازىرىدىن ئۆيىگە كىتىش ئۈچۈن ئارقىسىغا يېنىپ مولھوسۇللۇق 1-مەيدان يولىدا غەرىبتىن شەرىققە يۆلىنىشىدە ھەيدەپ مېڭىپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 00:10 ئەتىراپىدا ئاۋات ناھىيە مولھوسۇللۇق 1-مەيدان 4-ئوتتۇرا مەكتەپ خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ئۇدۇلىغا كەلگەندە يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن توسۇپ تەكشۈرلۈپ ھاراق ئىچىپ نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكى ئىنىقلىنىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلارنى ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2020) 1939- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا: جاۋابكار ئۆ XX نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 133.55 مىللىگىرام ئىسپىرىت بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:
1›يازما ئىسپات 2› گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 3›جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 4› باھالاش پىكىرى 5› نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو-سۈرەت 6›ئۈن سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراب قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار ئۆ XX يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئسىپاتى تۇلۇق. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ قىلمىشىنى ئىتراپ قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، جاۋابكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ جاۋابكار ئۆ XX نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە 1 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: مۇقەرەپ مۇختەر
دىلشات مۇتەللىپ
2020-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى
قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى؛
2›ئۈن- سىن سوراق خاتىرىسى 1 دىسكا؛
3› جىنايەت ۋە جازانى تونۇش تىلخېتى بىر پارچە؛
4› جاۋابكار ئۆ XX كىپىللىككە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论