شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى
لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2020) 126-نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئۈxxx، ئەر، ئۇيغۇر،xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:652827xxxxx، ئەسلىي يۇرتى:شىنجاڭ xx ناھىيسى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيىسى xxx دېھقانچىلىق مەيدانى xx يولى xx-نۇمۇر، مۇقىم كەسىپى يوق، جاۋاپكار ئۈxxx xxx, ئاپتۇنۇم ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى (2016) 131-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۇمنامىسىدا ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 1000 يۈەن شىتراپ قويۇش ھۆكۇم قىلىنغان،xxx ئاپتۇنۇم ناھىيىلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى (2017) 196-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۇمنامىسىدا ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن بىر يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قوشۇمچە 1000يۇەن شىتراپ قويۇش ھۆكۇم قىلىنغان، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن xxx ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىنچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن قانۇن بويۇنچە قولغا ئېلىنغان، ئىلگرى سوتلۇق بولغان، ھازىر xxx ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
جاۋاپكار ۋxx، بۇرۇنقى ئىسمى: ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر،xx-يىلى xx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمىرى:652827xxxx، ئەسلى يۇرتى: شىنجاڭ xx ناھىيسى، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيسى xx دېھقانچىلىق مەيدانى xx يولى xx-ھويلاxx-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx شەھىرى xx ئولتۇراق رايونىxx-بىناxx-ئىشىكxx-ئۆي، مۇقىم كەسىپى يوق، جاۋاپكار ۋxx xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى (2018) 804-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۇمنامىسىدا ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 1000 يۈەن شىتراپ قويۇش ھۆكۇم قىلىنغان، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن xx ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىنچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن قانۇن بويۇنچە قولغا ئېلىنغان، ئىلگرى سوتلۇق بولغان،ھازىر xx ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئۈxx، ۋەلى ئابلىكىملەرنىڭ ئوغۇرلۇق دېلۇسىنى 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى، ھەم دىجۇرنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئىلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇلۇپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە :
جاۋاپكار ئۈxxx، ۋxxxلەرنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىنىڭ پاكىتى تۆۋەندىكىچە:
1-قىتىم: جاۋاپكار ئۈxxx جاۋاپكار ۋxxx 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ سائەت 18 لەر ئەتراپىدا ئوغۇرلۇق قىلىپ xxxا شەھىرىگە قايتىپ كەتمەكچى بۇلۇپ، جاۋاپكار ئۈxx بىلەن جاۋاپكار ۋxx ئىككىسى xx ناھىيىسى قاتناش بېكىتىنىڭ يېنىدىكى «كىچىك ئالما ماگزىنى»غا كىرىپ دۇكاننىڭ ئىچىنى كۆزىتىپ چىقىپ، جاۋاپكار ئۈxxx بىلەن جاۋاپكار ۋxxx ئىككىسى دۇكانغا كىرىپ ئوغۇرلۇق قىلىشنى مەسلەتلەشكەندىن كىيىن، جاۋاپكار ۋxx بىكەتنىڭ يېنىدىكى «كىچىك ئالما ماگزىنى»غا كىرىپ دۇكاننىڭ ئىچىدىكى ئوڭ تەرەپ ئىشكىرىكى بۇلۇڭغا بېرىپ دۇكاننىڭ خوجايىننى چاقىرىپ تازلىق قەغىزىنىڭ باھاسىنى سوراپ دۇكان خوجايىننى دىققىتىنى بۇراپ تۇرغان، جاۋاپكار ئۈxxx لوبەننىڭ دۇكاننىڭ ئىشكىرسىگە كىرىپ كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ دۇكاننىڭ پوكىيىنىڭ ئىچىگە كىرىپ تارىتمىنىڭ ئىچىدىن 1600يۇەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن جاۋاپكار ۋxx دۇكاندىن قايتىپ چىققاندىن كىيىن ئىككىسى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ xxx شەھىرىگە قېچىپ كەتكەن. (زىيان قايتۇرۇپ كىلىنمىدى).
2-قىتىم: 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە جاۋاپكار ئۈxxx بىلەن جاۋاپكار ۋxx ئىككىسى ئوغۇرلۇق قىلىپ پۇل تېپىشنى مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن، xx شەھىرى xx شەرقىي يولى xxx ئاشلىق ماي تاللا دۇكىنىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، جاۋاپكار ئۈxx دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرىپ دۇكانچى ئەركىشىنى گەپكە تۇتۇپ تۇرغاندىن كىيىن جاۋاپكار ۋxx دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرىپ پۇكەينىڭ ئىچىدىن 3 دانە يۇز يۇەنلىك جەمىي 300يۇەن خەلق پۇلى ئوغۇرلىغاندىن كىيىن دۇكاندىن چىقىپ كەتكەن، جاۋاپكار ئۈxx بىلەن جاۋاپكار ۋxx تەڭ خەشلەپ تۈگەتكەن. (زىيان قايتۇرۇپ كىلىنمىدى).
3-قىتىم: 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى جاۋاپكار ئۈxx، جاۋاپكار ۋxxx ئىككىسى ئوغۇرلۇق قىلىش مەقستىدە xx شەھىرى xx رايونىدىكى «يى بەيكې تۇرلۇك ماللار ماگزىنى»غا كىرىپ، جاۋاپكار ۋxx دۇكان ئىچىگە كىرىپ دۇكانچىنى ئېزىقتۇرۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، جاۋاپكار ئۈxxx دۇكان پۇكىيىدىن 160يۇەن پۇلنى ئوغۇرلاپ چىققاندىن كىيىن جاۋاپكار ۋxx بىلەن ئىككىسى خەشلەپ تۈگەتكەن. (زىيان قايتۇرۇپ كىلىنمىدى).
جاۋاپكار ئۈمۈد ئابدۇكېرەمنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىنىڭ پاكىتى تۆۋەندىكىچە:
1-قىتىم: جاۋاپكار ئۈxx 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە ئوغۇرلۇق قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە، xx ناھىيىسى xx دېھقانچىلىق مەيدانىxx يۇلى x-قورۇ xx-نۇمۇرلۇق ئۆيدىكى زىيانلانغۇچى قۇxx قوروسىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى توخۇ كاتىكىگە ئوغۇرلۇققا كىرىپ يەتتە تال توخونى ئوغۇرلاپ، xx ناھىيىسىدىكى قۇش بازىرىغا ئاپىرىپ 350 يۇەنگە سېتىۋېتىپ پۇلنى خەشلەپ تۈگەتكەن. xx ناھىيلىك مال باھا ئىدارىسى دىلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھلاپ بىكىتىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسىدا ئوغۇرلانغان 7 دانە توخۇنىڭ باھاسىنى 285يۇەن دەپ بېكىتكەن. (زىيان قايتۇرۇپ كىلىنمىدى).
2-قىتىم: جاۋپكار ئۇxxx 2019-يىلى11-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بىر كۈنى ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، xx ناھىيسىى xx دېھقانچىلىق مەيدانى xx يولى xx-ھويلاxx-قورۇدىكى زىيانلانغۇچى لۇ xxx ئۆينىڭ كەينى تەرەپتتىكى كاتەككە ئوغۇرلۇققا كىرىپ 11 دانە توخۇنى ئوغۇرلاپ،xx ناھىيىسىدىكى قۇش بازىرىغا ئاپىرىپ 850يۇەنگە سېتىۋېتىپ پۇلنى خەشلەپ تۈگەتكەن. لوپنۇر ناھىيلىك مال باھا ئىدارىسى دىلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھلاپ بىكىتىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسىدا ئوغۇرلانغان 11دانە توخۇنىڭ باھاسى 687.5 يۇەن دەپ بېكىتكەن. (زىيان قايتۇرۇپ كىلىنمىدى).
3-قىتىم: جاۋپكار ئۇxx 2019-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بىر كۈنى ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، xx ناھىيسىى xx دېھقانچىلىق مەيدانىxx يولى xx-ھويلا xx-قورۇدىكى زىيانلانغۇچى چېن xx ئۆينىڭ كەينى تەرەپتتىكى كاتەككە ئوغۇرلۇققا كىرىپ 9 دانە توخۇنى ئوغۇرلاپ، xx ناھىيىسىدىكى قۇش بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ 530يۇەنگە سېتىۋېتىپ پۇلنى خەشلەپ تۈگەتكەن. xx ناھىيلىك مال باھا ئىدارىسى دىلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھلاپ بىكىتىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسىدا ئوغۇرلانغان 9 دانە توخۇنىڭ باھاسى 306يۇەن دەپ بېكىتكەن. (زىيان قايتۇرۇپ كىلىنمىدى).
4-قىتىم: جاۋپكار ئۇxx 2020-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدىكى بىركۈنى چۈشتىن كىيىن ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىنى مىنىپ، xx ناھىيىسى xx دېھقانچىلىق مەيدانى xx يولى xx-ھويلا xx- قورۇدىكى زىيانلانغۇچى گاۋ xx قوتىنىغا ئوغۇرلۇققا كىرىپ، ئىككى دانە پاقلاننى ئوغۇرلاپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتقا بىسىپ ئۆزىنىڭ xx ناھىيىسى xx دېھقانچىلىق مەيدانى xx يولى xx-قورۇ xx-نۇمۇردىكى ئۆيىنىڭ قوتىنىغا سولاپ قويۇپ، ئەتىسى xx ناھىيىىسى xx ئالدىدىكى مال بازىرىغا ئاپىرىپ 1600يۇەنگە سېتىۋېتىپ پۇلىنى خەشلەپ تۈگەتكەن. xx ناھىيلىك مال باھا ئىدارىسى دىلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھلاپ بىكىتىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسىدا ئوغۇرلانغان ئىككى تۇياق قوينىڭ باھاسى 2271 يۇەن دەپ بېكىتكەن. (زىيان قايتۇرۇپ كىلىنمىدى).
5-قىتىم: جاۋپكار ئۇxx 2020-يىلى1-ئاينىڭ باشلىرى ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، xx ناھىيىسى xx xx يولى xx-نۇمۇرلۇق قورودىكى زىيانلانغۇچى باxxنىڭ قوتىنىغا ئوغۇرلۇققا كىرىپ بىر تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ چىقىپ، ئۆزى مىنىپ كەلگەن ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىغا باسقاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ xx ناھىيىسى xx دېھقانچىلىق مەيدانى xx يولىxx-قورۇxx-نۇمۇردىكى ئۆيىنىڭ قوتىنىغا سولاپ قويۇپ، ئەتىسى xx ناھىيىىسىxx ئالدىدىكى مال بازىرىغا ئاپىرىپ 700يۇەنگە سېتىۋېتىپ پۇلىنى خەشلەپ تۈگەتكەن. xx ناھىيلىك مال باھا ئىدارىسى دىلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھلاپ بىكىتىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسىدا ئوغۇرلانغان بىر تۇياق قوينىڭ باھاسى 1430 يۇەن دەپ بېكىتكەن. (زىيان قايتۇرۇپ كىلىنمىدى).
6-قىتىم: جاۋپكار ئۇxxx 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە xx شەھىرىxx يولى xx ئائىلىكلەر ئولتۇراق رايونىنىxx-كورپۇسxx-نۇمۇرلۇق ئۆيدىكى زىيانلانغۇچى چېنxxxنىڭ ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق تاقىمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆينىڭ ئىچىگە ئوغۇرلۇقچە كىرىپ، بىر دانە كۆك رەڭلىك خۇا ۋېي روڭياۋ (华为荣耀 V9) ماركىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفۇننى ئوغۇرلىغاندىن كىيىن ئېلىپ چىقىپ جاۋاپكار ۋxxxگە بەرگەن. xx ناھىيلىك مال باھا ئىدارىسى دىلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھلاپ بىكىتىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسىدا ئوغۇرلانغان华为荣耀 V9 تېلفۇننىڭ باھاسى 980 يۇەن دەپ بېكىتكەن. (زاڭ مال يىغىپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى).
7-قىتىم: جاۋپكار ئۇxxx 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە xx شەھىرىxx يولى xx ئائىلىكلەر ئولتۇراق رايونى xx-ئىشىك xx-نۇمۇرلۇق ئۆيدىكى زىيانلانغۇچى جاۋ xxxنىڭ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنىڭ كارىدۇردىكى ئوت ئۆچۈرۈش ساندۇقىنىڭ ئۇستىگە قويۇقلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئاچقۇچنى ئىلىپ ئۆيگە كىرىپ، گىرىم بۇيۇملىرى قويىدىغان ئۈستەلدە تۇرغان بىردانە ئۈزۈك ۋە ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكنىڭ كەينىدىكى تامغا ئېسىقلىق تۇرغان قارا رەڭلىك كاشىئۇ (卡西欧 G-SHOCK系列GA-110GB) قول سائەتتىن بىرنى، بىردانە سېرىق رەڭلىك ئېكرانى چېقىق تېلفۇننى ئوغۇرلىغان، ئالتۇن ئۈزۈكنى ياتاققا قايتىپ كېلىپ تاxxxغا (باشقا دىلودا بىر تەرەپ بولغان) بەرگەندىن كىيىن، تاxx(باشقا دىلودا بىرتەرەپ قىلىنغان) ئۈزۈكنى xx شەھىرى xx بازىنىڭ ئالدىدىكىxxx ئالتۇن زەگارچىلىق دۇكىنىغا 1300يۇەنگە سېتىۋەتكەندىن كىيىن، جاۋپكار ئۇxx ، جاۋپكار ۋxx، تاxx(باشقا دىلودا بىرتەرەپ قىلىنغان) ئۈچ ئادەم خەشلەپ تۈگەتكەن. xx ناھىيلىك مال باھا ئىدارىسى دىلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھلاپ بىكىتىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسىدا ئوغۇرلانغان 华为荣耀青春版 تېلفۇننىڭ باھاسى 135يۇەن، سائەتنىڭ باھاسى712 يۇەن، ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ باھاسى 1362يۇەن دەپ بېكىتكەن.(خۇا ۋېي روڭياۋ تېلفۇن ۋە 1362يۇەن يىغىپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى).
8-قىتىم: جاۋپكار ئۇxx 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى xx شەھىرى xx يېزا رايونىدا ئوغۇرۇق قىلىش مەقسىتىدە، xx شەھىرى xx يېزىلىق xx كەنىتى xxگۇرۇپپا xx-كوچا xx-نۇمۇرلۇق تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى تاشنىڭ ئاستىدىن ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئىزدەپ تاپقاندىن كىيىن ئاچقۇچ بىلەن ھويلىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ سول تەرەپ قىزىل ئىشىكلىك ئۆيگە كىرىپ ياتاق ئۆينىڭ ئىچىدىكى سومكىنىڭ ئىچىدىن بىردانە ئالتۇن ئۈزۈك، بىر جۈپ ئالتۇن ھالقىنى ئوغۇرلاپ چىققاندىن كىيىن، ئالتۇنلارنى تاxxغا (باشقا دىلودا بىر تەرەپ بولغان) بەرگەندىن كىيىن، تاxxx بىلەن ۋxxx ئالتۇننىڭ ئوغۇرلاپ كىلىنگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىر جۈپ ئالتۇن ھالقىنى ئالتۇن دۇكىنىغا 350 يۇەنگە ساتقان، بىر جۈپ ھالقىنى ئالتۇن ئەمەسكەن دەپ ئالتۇن دۇكىنىدىكىلەرگە ساتالماي تاشلىۋەتكەندىن كىيىن جاۋپكار ئۈxxx، جاۋپكار ۋxxx، تاxxx ئۈچ ئادەم 350يۇەن پۇلنى يەپ-ئىچىپ تۈگەتكەن. لوپنۇر ناھىيلىك مال باھا ئىدارىسى دىلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھلاپ بىكىتىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسىدا ئوغۇرلانغا ئۈزۈكنىڭ باھاسى 385يۇەن دەپ بېكىتىلدى. (زىيان يىقىپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى).
يۇقارقى جىنايەت پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :
جاۋاپكار ئۈxx، ۋxxلەرنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ ئويىگە ۋە دۇكىنىغا كۆپ قىتىم ئوغۇرلۇققا كىرگەن، جاۋاپكار ئۈxxx ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە 8554 يۈەن قىممىتىدىكى باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلىكىنى ئوغۇرلىغان، جاۋاپكار ئۈxxx، ۋxxلەر بىرلىشىپ 3807 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلىكىنى ئوغۇرلىغان، قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگۇلىمىسىگە خىلاپ، بۇ ھەقتە پاكىت ئېنىق، دەلىل–ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويۇنچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇش كىرەك.
جاۋاپكار ئۈxxx 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۇنى xxx ئاپتۇنۇم ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۇچۇن مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنىپ، 1000 يۇەن جەرىمانە قويۇش ھۆكۇم قىلىنغان. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۇنى xxx ئاپتۇنۇم ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۇچۇن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنىپ، 1000 يۇەن جەرىمانە قويۇش ھۆكۇم قىلىنغان. جاۋاپكار ۋxxx 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۇنى xxx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۇچۇن مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنىپ، 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇش ھۆكۈم قىلىغان. جاۋاپلارلار جازا مۇددىتى توشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن كىيىن يەنە قايتا جىنايەت ئوتكۇزگەن بولۇپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65–ماددىسىكى بەلگۇلىمىسگە ئاساسەن تەكرار جىنايەتچى ئۆتكۇزدى دەپ قاراپ ئېغىر جازا بىرىش كىرەك، ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنپى بويۇنچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا جاۋاپكار ئۈxxxگە 1 يىلدىن يۇقىرى 2 يىلىدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى، قوشۇمچە شتىراف قويۇش جازاسى، جاۋاپكار ۋxxxگە 6 ئايدىن يۇقىرى 1 يىلدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى، قوشۇمچە شتىراف قويۇش جازاسى بىرىپ ئاددى تەرتىپ بويۇنچە سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .
تەپتىش: غەيرەت مەمەت
ئايۇپجان ئابلىمىت
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى .
ئىزاھات : دېلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论