ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ت 1-بۆلۈم ج ئە (2020) 188–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار خXX ئابلا،ئەر،ئۇيغۇر،****-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XX65292819، نۇپۇستىكى ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەXX يېزاXX كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازاملانمىغان، 2019-يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىككە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار خXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.جاۋابكار بۇ دىلونى تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋىنى قوللۇنۇپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار خXX 2019-يىل 11-ئاينىڭ 3-كۇنى سەھەر سائەت 01:26دە، ھاراق ئىچىپ ،پىراۋىسىز ھالەتتە ئۆزىنىڭ新N****نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ ئاۋات ناھىيە XXمەيدان يولىدا جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ كىتىۋىتىپ، مولھۇسۇللۇق 3-مەيدان1-لىنىيە يۇلىغا كەلگەندە،يولدا ۋەزىپە ئىجراقىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇسۇپ تەكشۈرلۈپ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ۋەقەلىرى ماددى ئىسپات تۈرلىرىنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ(2019) 7378-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە جاۋاپكار خXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە 137.28 مىللىگىرام ئىسپىرىت بارلىقى باھالاپ بېكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 3›باھالاش پىكرى 4›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار خXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان،تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، تېز ھۆكۈم چىقىرىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق،شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە1 ئاي15كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە شىتراف قويۇش جازاسى بېرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. جاۋابكار خXXغا «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 172-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللۇنۇپ ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن تەكلىپ بېرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : مۇقەرەپ مۇختەر
گۈلنۇر ئابلىمىت
2020-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى
قۇشۇمچە:
1› جاۋابكار خXX ھازىر ئائىلىسىدە.
2› 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋىتكا دېلوسى(56بەت)
3› 2 دانە ئوپتىك دېسكا (جاۋاپكارنىڭ ماس قەدەملىك سوراق خاتىرىسى)
4› جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论