欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

喀某危险驾驶一案起诉书(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج 1-بۈلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020) 674-نومۇرلۇق

جاۋابكار قxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19xx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65292419xxxxxxxxxx، كەسپى: دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئېگە، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت x-گۇرۇپ 79-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىغى ئۈچۈن، كېپىللىككە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار قxxنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) 770-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار قxx2020-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچقۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00لەر ئەتىراپىدا سxx، قxx، ھxx قاتارلىقلار بىلەن شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت 1-گۇرۇپتىكى تxxنىڭ ھاراق دۇكىنىدا بىلە ھاراق ئىچىپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 00:10لەر ئەتىراپىدا،ئۈيىگە قايتىپ كىتىش ئۈچۈن سىرىتقا چىققاندا، سxx بىلەن ھxx ئىككىسى پىيادە قايتىپ كەتكەن، قxx شۇ ھاراق دۇكىنىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ 新Nxxxxxنۇمۇرلۇق، ئىككى چاقلىق، ئەرەنچە، قىزىل رەڭلىك، خاۋ جۆ ماركىلىق موتسىكىلىتىنى ئۈزى ھەيدەپ، كەينىگە قxxنى مىندۈرۈپ، قxxنى ئۈيىگە ئاپىرىپ قۇيۇپ قايتىپ مېڭىپ ، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت 2-گۇرۇپ تەۋەسىگە كەلگەندە، شۇ يەردە چارلاۋاتقان xx بازىرى xx كەنت كومتىتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى بىلەن خەلىق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. باھالاش ئارقىلىق قxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 219.40مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار قxxنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار قxxنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار قxxغا 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 6000يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 تەپتىش: رxx 

 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 9نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى بىرگە يوللاندى.

2)جاۋابكار كېىپىدە، 

3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top