شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج 1-بۆلۈم ئە چىقىش (2020)727 -نومۇرلۇق
جاۋابكار تXX ، ئەر، ئۇيغۇر، **19 -يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ****1934652924، كەسپى: دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئېگە، شايار ناھىيە** بازىرى ** كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ماسسا، توي قىلمىغان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىغى ئۈچۈن XXغا كېپىللىككە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ت XX نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ30-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) 802-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ت XX 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 23:30لار ئەتىراپىدا دوستى ئاXX بىلەن بىللە، XXنىڭ شايار ناھىيە ** بازىرى ** كەنتتىكى ئۆيىدە ھاراق ئىچكەن، ئەتىسى، يەنى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 13:58لەر ئەتىراپىدا جاۋابكار تXX دوستى ئاXX بىلەن بىللە يەنە، شايار ناھىيە ** بازىرى ** كەنتتىكى دېھقانلار ھەمكارلىق كاپىراتىپىدا ھاراق ئىچكەن، ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، جاۋابكار ت XXئۆيىگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن، شۇ يەرگە توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ 新NG**** نۇمۇرلۇق، قىزىل رەڭلىك، ئەرەنچە ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى ئۆزى يالغۇز پىراۋىسىز، مەسىت ھالدا ھەيدەپ،** بازىرى ** كەنت كومتىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار تXX نىڭ ھەر100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى258.73مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددىي ئىسپاتنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ 2020- يىلى04- ئاينىڭ08-كۈنىدىكى ئەدىليىلىك باھالاش پىكىرىدە:« تXX نىڭ قان ئەۋرىشكىسىدىن ئېتىل ئالكوھول تەكشۈرۈپ چىقىلدى، ئۇنىڭ مىقدارى258.73mg/100ml» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار تXX نىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تولۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار تXX نىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار تXX غا 4 ئاي 6 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 8400 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2020-يىلى 10-ئاينىڭ1-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论