شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم
ئوبلاست لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش 1-بۆلۈم (2019)68 - نومۇرلۇق
جاۋاپكار تا**، ئايال،ئۇيغۇر،1989-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نۇمۇرى: ******6528231989، ئالى مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئىگە نۇپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى لوپنۇر ناھىيە** يولى **-قۇرۇ **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆي،موقىم كەسپى يوق، 2018-يىلى2-ئاينىڭ27-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن تۇقسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3 يىللىق مۇدەتتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 4يىل كىچىكتۈرۈلگەن، 2018-يىلى12-ئاينىڭ6-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق بولۇپ تۇغۇتلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىللىككە بېرىلگەن ، 2019-يىلى9-ئاينىڭ 19-كۈنى ،مەھكىمىمىز ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىپلەنگەن، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ،لوپنۇر ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغان ئېلىنغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، لوپنۇر ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھامىلدار بولغانلىقى ئۈچۈن كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
لوپنۇر ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى ،جاۋاپكار تا**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دېلۇسىنى،2019-يىلى10-ئاينىڭ31-كۈنى ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ، ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇردۇق .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە :
جاۋاپكار تا** 2019-يىلى **-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، لوپنۇر ناھىيە ** يان تېلفۇن سېتىش دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ر**غا «مىنىڭ لوپنۇر ناھىيە**نىڭ ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ **-نۇمۇرلۇق بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ئۆزەمنىڭ نامىدا 100كۋادىرات مىتىرلىق ئۆيۈم بار، ئۆي ئىچىدە ھەممە نەرسە تۇلۇق، باھاسى 100مىڭ يۈەن، ئەگەر سېتىۋېلىش خىيالىڭ بولسا ئالدىن 20مىڭ يۈەن پۇل تاپشۇرساڭ، بۇ ئۆينى ساڭا سېتىپ بىرىمەن، قالغىنىنى بانكىدىن قەرز بىجىرىپ سېتىۋالساڭ بۇلىدۇ» دەپ يان تېلفۇنىدا ئالدىن تارتىپ تەييارلىۋالغان ئاپىسى تۇ**نىڭ ئۆيىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ، مۇشۇ ئۆي مىنىڭ ئۆيۈم دەپ ئالدىغان، زىيانلانغۇچى ر** كۆپ قېتىم ئۆينى كۆرۈپ بېقىشنى دىگەندىن كىيىن ،جاۋاپكار تا** زىيانلانغۇچى ر**نى لوپنۇر ناھىيلىك **نىڭ كونا ئائىلىلىكلەر بىناسى **-بىنا**-ئىشىك**-نۇمۇرلۇق چوڭ ئاپىسى جە**نىڭ ئۆيى(ھە**نىڭ نامىدىكى ئۆي)نى ئارقىدىن كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مىنىڭ ساڭا سېتىپ بەرمەكچى بولغان ئۆيۈم مۇشۇ ئۆي شۇ دەپ كۆرسەتكەن، زىيانلانغۇچى ر** ئۆينى كۆرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلغاندا، «ئۆينى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىۋاتقان، ئىجارە ئالغۇچى ھازىر ئۆيىدە يوقكەن »دەپ ھەر خىل بانا سەۋەپ كۆرسىتىپ، ئۆي ئىچىنى كۆرسەتمىگەن، ۋە زىيانلانغۇچى ر**غا داۋامىلىق پۇل تاپشۇرۇشنى ئېيتىپ،2019-يىلى **-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ ،ئۇنىڭ 16300يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. (زىيان قايتۇرۇپ كىلىنمىدى).
جاۋاپكار تا** 2019-يىلى **-ئاينىڭ ئاخىرى، لوپنۇر ناھىيە ** يان تېلفۇن سېتىش دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ھى** (باشقا ئىسمى نۇ**) غا «لوپنۇر ناھىيە** ئىدارىسىنىڭ كونا ئائىلىلىكلەر بىناسى **-بىنا**-قەۋەتتىكى ئاكامنىڭ ئۆيىنى ساتماقچى، ئۆي ئىچىدە ھەممە نەرسە تۇلۇق، باھاسى 100مىڭ يۈەن، ئەگەر سېتىۋېلىش خىيالىڭ بولسا ئالدىن 20مىڭ يۈەن پۇل تاپشۇرساڭ، بۇ ئۆينى ساڭا سېتىپ بىرىمەن، قالغىنىنى بانكىدىن قەرز بىجىرىپ سېتىۋالساڭ بۇلىدۇ» دەپ ئالدىغان، زىيانلانغۇچى ھې** كۆپ قېتىم ئۆينى كۆرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ،جاۋاپكار تا**«ئاكام ئالدىراشكەن، ۋاقتى چىققاندا سىنى باشلاپ ئاپىرىپ كۆرسىتەي »دەپ ھەر خىل بانا سەۋەپ كۆرسىتىپ ، ئۆينى كۆرسەتمىگەن ۋە ھى**غا ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇشنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ 5000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. (زىيان قايتۇرۇپ كىلىنمىدى).
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايەت پاكىتنى : يازما ئىسپات ،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ،ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار تا**، ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ قانۇنسىز پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ،ئىككى قېتىمدا باشقىلارنىڭ 21300يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، بۇ قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ .
جاۋاپكار تا** مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ ، جازاسى كېچىكتۈرۈپ ئىجىرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە قايتا جىنايەت سادىر قىلغان، بۇ « جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 65-،70-،77- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى گە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ ،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن : لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .
تەپتىش : تۇرسۇن راخمان .
2019- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى .
ئىزاھات : جاۋاپكار ئائىلىسىدە .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论