欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

塔某某起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

كەلپىن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                        ك،ت1-بۈلۈم،ج،ئە(2021) 1- نۇمۇرلۇق 

   جاۋابكار تا، ئەر، ئۇيغۇر، 1972- يىلى 10- ئاينىڭ 5- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ****65292919721005، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەلپىن ناھىيە **بازىرى **يولى **- نۇمۇر **ئولتۇراق رايۇنى **- بىنا  **- كورپۇس **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى شوپۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.

   كەلپىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار تا** قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.

   قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋاپكار تا** يول تىرانسىپورت تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىجىرمەي تۇرۇپ 2017 -يىلى 2 -ئاينىڭ 27 -كۈنىدىن باشلاپ ئىنىسى بە**نامىدىكى **نۇمۇرلۇق قارا رەڭلىك بىيادى 6 Fماركىلىق كىچىك تىپلىق ئائىلە ئاپتوموبىلى ۋە ئۆزىنىڭ نامىدىكى** نۇمۇرلۇق قارا رەڭلىك بېك ماركىلىق كىچىك تىپلىق ئائىلە ئاپتوموبىلىدا كەلپىن ناھىيەسى بىلەن ئاقسۇ شەھرى ئارلىقىدا قانۇنسىز يولۇچى تۇشۇش بىلەن شۇغۇللانغان، بۇ جەرياندا ئايرىم- ئايرىم ھالدا 2017 -يىلى 3- ئاينىڭ 6- كۈنى، 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنى، 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى كەلپىن ناھىيەلىك قاتناش تىرانسىپورت ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرى جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن قانۇنسىز تىجارەت قىلىپ، شۇ يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى كەلپىن ناھىيەلىك قاتناش تىرانسىپورت ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرى جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

 1. يازما ئىسپات 2. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى  ۋە ئاقلىنىشى قاتارلىقلار بار.

   يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار تا**ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

   مەھكىمىمىز، جاۋاپكار تا** يول تىرانسىپورت تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىجىرمەي تۇرۇپ قانۇنسىز تىرانسىپورت كەسپى بىلەن شۇغىللىنىپ  قاتناش تىرانسىپورت تارماقلىرى تەرپىدىن كۆپ قېتىم مەمۇرى جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنغان بولسىمۇ يەنىلا قانۇنسىز تىرانسىپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان قىلمىشى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 225- ماددا 4- تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست، قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار  جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 67- ماددا  3- تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، جاۋابكارغا 1 يىل 6 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قۇشۇمچە 20 مىڭ يۇەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

      كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

تەپتىش: مەۋلان ئۇبۇل

2021-يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى

1. قۇشۇمچە 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى.  

2.جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top