欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

奥某某危险驾驶案起诉书(公开版)

2021-09-19 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

 

                                     شايار تەپتىش ج ئە چىقىش (2020) 997 -نومۇرلۇق

جاۋابكار ئوXX، ئەر، ئۇيغۇر،**19-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0731********652924، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، دېھقان، شايار ناھىيە ** بازىرى ** كەنت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن 2020-يىلى3-ئاينىڭ 19-كۈنى شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئوXX نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ش ج خ چىقىش (2020)559- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قائىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار ئوXX 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 20:10 لار ئەتراپىدا، شايار ناھىيە تويبولدى بازىرى تەۋەسىدە، ئا XX قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ھاراق ئىچىپ مەست بۇلۇپ، شۇ يەرگە توختىتىپ قۇيۇلغان ئۆزىنىڭ ****新NX نومۇرلۇق (ساختا تاختاي) ئېسىلغان ئىككى چاقلىق ئەرەنچە موتوسىكلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، غالبىيەت كەنت 2-گوروپ تەۋەسىگە كەلگەندە، موتوسىكلىتىنى باشقۇرالماي يىقىلىپ كەتكەندىن كىيىن ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار ئوXX نىڭ ھەر 100mL قان سۇيۇقلىقى تەركىبدە mg177 ئىسپىرىت بارلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان. 

يۇقارقى پاكىت يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قائىل بولغان.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئوXX نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن موتورۇلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىلىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جاۋابكار ئوXX كە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ 2-تارماقچىسىدىكى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك. يول قاتناش تەرتىپىنى قانۇنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-، 176-، 222- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، مەزكۇر دېلوغا تىز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا ۋە جاۋابكار ئوXX نىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار ئوXX كە 3 ئاي 15كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 7000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

 

       ھۆرمەت بىلەن:

                     شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                            تەپتىش : يۈسۈپ ئەخمەت

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top