شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە (2020) 488-نومۇرلۇق
جاۋابكار رxx، ئەر، 20xx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292420xxxxxxxxxx، ئويغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، كەسىپى: ئاشپەز، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت x-گوروپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى شايار ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە قولغا ئېلىنغان.
شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار رxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 8–ئاينىڭ 26-كۈنى ش ج خ چىقىش (2020) 86-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئوقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋابكار رxx 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 12:30 لەر ئەتىراپىدا، شايار ناھىيە بازىرى xx يۇلى x-كوچا 14-نۇمۇردىكى زىيانلانغۇچى رxxنىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، دەرۋازىنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە دەرۋازىنىڭ غەرىپ تەرپىدىكى ھاجەتخانىنىىڭ تېمىدىن ئۆگىزىگە يامىشىپ چىقىپ، شۇتا بىلەن ھويلىغا كىرىپ، ھويلىدىكى كارۋاتنىڭ ئاستىدىن 20 سانتىمىتر ئۇزۇنلۇقتىكى، دەستىسى ئىچىمىلىك قۇتىسىنىڭ ئاغىزى چوڭلۇقتا بار بىر دانە چوتنى تېپىپ كېلىپ، دەرۋازىنىڭ غەرىپ تەرپىدىكى ئۆينىڭ قۇلپىسىنىڭ قاغا تۇمشىقىنى يۇلۇپ، ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندىن كىيىن، ئىشىكنىڭ ئارقىسىدىكى قىزغۇچ رەڭلىك بىر دانە بىخەتەرلىك ئىشكابنى كۈرۈپ، بىخەتەرلىك ئىشكابنى كۆتۈرۈپ ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ، شۇ ھويلىدىن بىردانە ئەتىركە، بىردانە چوت، بىر دانە ياغاچ دەستىلىك پالتا قاتارلىقلارنى تېپىپ كىلىپ، بىخەتەرلىك ئىشكابىنىڭ ئىشىكىنى قايرىپ ئاچقاندىن كىيىن، بىخەتەرلىك ئىشكابى ئىچىدىكى 66500 يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ 54050 يۈەن زىيىنى ئەسلىگە كىلىپ قالدى زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار رxx قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ ناھايىتى كۆپ مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 3-تارماقدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار رxxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار رxx جىنايىتنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان، زىياننىڭ كۆپ قىسىمى ئەسلىگە كەلگەن بۇلۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار رxxقا مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 10000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش توغىرسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن :
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، جاۋابكارنىڭ پۇشايماننامىسى، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى (بىر توپلام 150بەت ) بىرگە يوللاندى. 2) جاۋابكار شايار ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论