欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

局某某起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-24 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى xx ئاپتونۇم ئوبلاستى

xx ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

xx ت ج 1- بۆلۈم ئەيىپلەش (2020)  - نومۇرلۇق 

جاۋاپكار جۈ xx ئەر، ئۇيغۇر، xx– يىلى xx– ئاينىڭ xx– كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومىرى: 652823 xx ، نوپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيە قۇرلۇش شەرقى يولى xx - قورو xx - بىنا xx - ئىشىك xx - نومۇر، ئالى مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: پىيونسىيونىر. 2019– يىلى 3– ئاينىڭ 6– كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش قىلمىشىغا چېتىشلىق گۇمانى بىلەن xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دېلوسى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . 

xx ر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار جۈ xx نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم، نۆۋەتچى ئادوۋكادنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى، جاۋابكار جۈ xx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە: 

جاۋابكار جۈ xx 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 16:05 دە ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ئۆزىنىڭ، 新M xx نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتىموبىلىنى ھەيدەپ ل xx ناھىيە قۇرۇلۇش يول بۆلىكىدە غەرىپتىن شەرىققە قاراپ مېڭىپ، تۆت كوچا يول ئېغىزىدا قىزىل چىراقتا مېڭىشنى ساقلاپ تۇرغان ئو xx ھەيدىگەن 新A xx نومۇرلۇق ماشىنىنىڭ كەينىگە سوقۇۋالغان. شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى (2019) 1201– نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە، جۈ xx نىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 348 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن. 

يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە: يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكار جۈ xx قاتناش– تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن– نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان، جاۋابكارنىڭ بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار ج xx غا 5 ئايدىن يوقىرى 6 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 12000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

         ھۆرمەت بىلەن :

xx ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە  

                                            تەپتىش : غە xx

                                                      گۈ xx

                                      2020- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنى

ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .(3) دەلىل – ئىسپات تىزىسى بىرگە يوللاندى .  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top