شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە چىقىش (2020) 278-نومۇرلۇق
جاۋابكار جXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:XXXXXXXXXX652924، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، شايار ناھىيەلىك XX ئوتتورا مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىسى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ئولتۇرۇشلىقى: شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت 2-گۇرۇپ 7-نومۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار جXXنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 173-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار جXX 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت كومىتېتىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXغا ئۇنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق تېلېفۇن ھەققى قاچىلاپ بىرىش جەريانىدا، ئەXXنىڭ ئۈندىدار چىقىمدانىنىڭ مەخپى نومۇرنى ئېسىدە ساقلىۋېلىپ، شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXX بىلەن XX بازىرى XX كەنتىدە بىللە دىجورنى تۇرۇش جەرياندا، ئوغرىلىق قىلىش نىيىتىگە كىلىپ، زىيانلانغۇچى ئەXX ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەXXنىڭ تېلېفۇنىنى دېجورنىخانىدىكى توكقا چېتىپ قويغان جايىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭ XXXXXXXX131 نومۇرلۇق ئۈندىدارىنى ئېچىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ t1XXXXXX نومۇرلۇق ئۈندىدارىنىڭ چىقىمدانىنىڭ پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ئىككىلىك كودىنى ئېچىپ، ئاندىن بۇ ئىككىلىك كودنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنىڭ ئۈندىدارىدا سايىلەش ئارقىلىق، ئەXXنىڭ ئۈندىدارىغا باغلانغان XXXXXXXXXXXX6212 نومۇرلۇق بانكا كارتىسىدىكى 1500 يۈەن پۇلنى سەھەر سائەت 4:15 ئۆتكەندە، 2000 يۈەن پۇلنى سەھەر 5:18 ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا يۆتكىۋالغان. جاۋابكار جXX شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXX بىلەن XX بازىرى XX كەنت كومىتېتىدا دىجورنى تۇرۇش جەريانىدا، ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە، ئەXXنىڭ ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يەنە يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن ئەيسا غازىنىڭ ئۈندىدارىغا باغلانغان XXXXXXXXXXXX6212 نومۇرلۇق بانكا كارتىسىدىكى 2550 يۈەن پۇلنى ئىككى قېتىمدا ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا يۈتكىۋالغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ 6050 يۈەن ئىقتىسادى زىيىنى تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار جXXنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلىكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق. جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈككە ئېگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئوچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق، 72-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جاۋبكار جXXنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار جXX جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئېتراپ قىلدى، جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئويغۇن، جاۋابكار جXXقا ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، بەش ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، جازاسىنى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە شىتراف قويۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئاXX
مۇۋەققەت تەپتىش : ھXX
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
قۇشۇمچە:1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، جاۋابكارنىڭ تۆۋىنامىسى، بىر توپلام تەھىققلەش دېلو ئارخبى (70 بەت) بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论