欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

帕某某危险驾驶一案起诉书

2021-09-22 尘埃 评论0

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 808–نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار پXX،ئەر، ****-يىلى *-ئاينىڭ *-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 84218********6531، ئۇيغۇر، مەدىنيەت سەۋىيەسى: ئالىي تېخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە .كەسپى: ئوقۇغۇچى، نۇپۇسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى :كورلا شەھىرى نىفىت-خېمىيە چوڭ يولى****** ئولتۇراق رايۇنى 54-بىنا 2-كورپۇس 102-ئىشىك، بۇرۇن جازالانمىغان، 2019-يىل 09-ئاينىڭ 29-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن .    

 جاۋاپكار پXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دىلوسىنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020ـ يىلى 9ـ ئاينىڭ 23ـ كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشى ئۈچۈن يوللىغان . مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2020-يىلى9-ئاينىڭ 23-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق. جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىش تەرتىۋىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق.  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار پXX 2019-يىلى7-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 8دىن53لەر ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە新MBS000 نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ، كورلا شەھىرى دۆلەت قۇرلۇش شىمالىي يولىدا جەنۇبتىن-شىمالغا قاراپ يول يۇرۇپ،*****مېھمانخانىسى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،يول ئوتتۇرىدىكى يول ئايرىش رىشاتكىسنى سوققان ، نەتىجىدە يول ئايرىش رىشاتكىسى بىلەن قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان. ۋەقەدىن كىيىن پXX ماشىنىنى ھەيدەپ نەق مەيداندىن ئايرىلىپ ، بايىن ئولتۇراق رايۇنى ماشىنا توختۇتۇش ئورنىغا ماشىنىنى توختۇتۇپ قۇيۇپ تۇرغاندا، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

شىنجاڭ جۇڭشىن قاتناش ۋەقەسى ماددى ئىسپاتلارنى  باھالاش ئورىننىڭ  ( 2019)4956-ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا: ئاXXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت تەركىۋى ھەر 100 مىللىلىتىردا 194مىللىگىرام  ، دەپ يەكۈن چىقارغان.

كورلا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ (2019) 3022- نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە :جاۋاپكا پXX بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىدە بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ ، دەپ بىكىتكەن .

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلار گۇۋاھلقى ، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى ، خەرىتىسى ، سورىتى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ                                        

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار پXXنىڭ ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكارپXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.

شۇڭا»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار  پXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . 

  كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە          

                             تەپتىش :ئاXX 

                                   2020-يىلى9-ئاينىڭ23-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.

(2) جاۋاپكار  پXX ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top