ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت،ئە،1-بۈلۈم (2020)315–نۇمۇرلۇق
ئاۋا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار xx، ئايال، ئۇيغۇر،تۇغۇلغان ۋاقتى: xx -يىل xx -ئاينىڭ xx -كۈنى، كىمىلىك نۇمۇرى: xxxx ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى:شىنجاڭ xx ناھيە xx بازىرى xx كەنت xx -گۇرۇپ xx -نۇمۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ماسسا، كەسپى: دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان،2020-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى xx ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى xx ساقچىغانىسى تەرىپىدىن ئوغورلۇق گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلۈپ، 2020-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى xx ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلككە بىرىش قارارنامىسىغا ئاساسەن كىپىللككە بىرىلگەن، ھازىر سىرتتا.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار xx نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى7- ئاينىڭ 10- كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،جىنايىتىنى تونۇپ جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى،جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا قۇشۇلدى،ھازىربۇدىلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 10:00لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار xx غوروچول بازار مال بازىرى ئەتراپىدا كۈمۈر سېتىش تىجارىتى قىلىدىغان زىيانلانغۇچى xx نىڭ تىجارەت قىلىدىغان ئورنىغا بېرىپ زىيانلانغۇچى xx نىڭ دەرۋازنىڭ ئىلغۇچىغا ئىلىپ قويغان زىيانلانغۇچى xx نىڭ ئۇينىڭ ئاچقۇچنى ئېلىۋىلىپ xx ناھيە xx بازار xx كەنت xx -گۇرۇپتىكى زىيانلانغۇچى xx نىڭ تۇرالغۇسىغا بارغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى xx نىڭ ئاچقۇچى ئارقىلىق ئىشىكنى ئېچىپ زىيانلانغۇچى xx نىڭ ياتالغۇ ئۈيىدىكى كارۋات ئۈسىتىگە سېلىقلىق گىلەم ئاستىغا قۇيۇپ قۇيغان زىيانلانغۇچى xx نامىدىكى بانكا ئامانەت چەك دەپتىرى بىلەن كىملىكنى ئوغۇرلىغاندىن كىيىن نەق مەيداندىن ئايرىلىپ xx بازارلىق ئامانەت-قەرز كوپراتىۋىنىڭ تىجارەت زالىغا كىلىپ زىيانلانغۇچى xx نىڭ بانكا ئامانەت چەك دەپتىرىدىكى 27000.00(يىگىرمە يەتتە مىڭ)يۈئەن پۇلنى ئالغاندىن كىيىن xx بازار ئامانەت-قەرز كوپراتىۋىنىڭ ئالدىدا قەرزىنى قايتۇرۇش ئۇچۇن xx (ئاۋات ناھيە ئاۋات بازىرىدىن)غا 10800.00(ئون مىڭ سەككىز يۈز)يۈئەننى بىرىپ xx بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى xx نىڭ ئۈيىگە قايتىدىن بېرىپ زىيانلانغۇچى xx نامىدىكى كىملىك بىلەن بانكا ئامانەت چەك دەپتىرىنى ئەسلىدىكى ئورنىغا قۇيۇپ قويغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى xx كۈمۈر تىجارىتى قىلىدىغان جايغا كىلىپ زىيانلانغۇچى xx نىڭ ئاچقۇچىنى ئەسلىدىكى ئورنىغا ئىلىپ قۇيغاندىن كىيىن نەق مەيداندىن ئايرىلغان.
جاۋاپكار xx زىيانلانغۇچى xx نىڭ بانكا ئامانەت چەك دەپتىرىدىن ئوغورلىغان پۇلدىن 10000.00(ئون مىڭ) يۈئەننى يۈتتۈرۈپ قويغان، قالغان پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.(دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 5000 يۇەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن، قالغان 22000 يۇەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن).
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1،يازما ئسىپات2،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى3،گۇۋاھچىنىڭ بايانى،4،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 5،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،خەرىتىسى،فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ،جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار xx نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋىلىش مەقسىتىدە شەخىسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇلىسىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا1-تۈر بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ،قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئسىپاتى تۇلۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،جىنايتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولىدۇ،جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3 –تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
مۇئاۋىن باش تەپتىش: ماھىرە ئابلا
مىرزات مەمەت
2020-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى
قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى؛
2› ئۈن-سىن سوراق خاتىرىسى 5 دىسكا؛
3› جىنايەت ۋە جازانى تونۇش تىلخېتى بىر پارچە؛
4›جاۋاپكار xx ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论