欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

帕某某过失致人死亡一案起诉书(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                   شايار ت ج ئە  (2020) 234-نۇمۇرلۇق    

جاۋابكار پxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx19-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : xxxxxxxxxx65292419، مۇقىم كەسىپى يوق، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شايار ناھىيە بازىرى xx كوچىسى xxx-نومۇر، قۇشۇمچە xxx-نومۇر، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى شايار ناھىيە بازىرى xx ئولتۇراق رايونى x-بىنا x-ئىشىك xxx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقان قىلمىشىغا قارىتا 10 كۈن مەمۇرى جەھەتتىن توختۇتۇپ قۇيۇلغان. بۇ قېتىم قەستەن زەخمىلەندۈرۈپ ئۈلۈشىگە سەۋەبچى بۇلۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار پxxنىڭ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11–ئاينىڭ 30-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019) 334-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئوقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار پxx 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈندۈزى زىيانلانغۇچى ئەxx بىلەن بىرگە شايار ناھىيە بازىرى تەۋەسىدە ھاراق ئىچىپ يۈرۈپ، كەچ سائەت 10:00 لار ئەتىراپىدا شايار ناھىيە xx بىكەتنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يېشىلىق مەيدانىدا ئەxx ۋە ئايالى ئاxx، ئاxx، ئاxx، ئاxx قاتارلىقلارنى ئۇچىرتىپ، يەنە داۋاملىق ھاراق ئىچمەكچى بولغاندا، شۇ ئەتراپتىكى چارلاش ۋەزىپىسى ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن كەتكۈزۋىتىلگەن. بۇ ۋاقىتتا جاۋابكار پxx، زىيانلانغۇچى ئەxx، ئەxx ۋە ئايالى ئاxx، ئاxx، ئاxx، ئاxx قاتارلىقلار شايار ناھىيە بازىرى xx مۇزىكىلىق فونتان يېشىلىق مەيدانىغا بېرىپ داۋاملىق ھاراق ئىچىشىنى مەسلىھەتلىشىپ، ھەممەيلەن مۇزىكىلىق فونتان يېشىلىق مەيدانىغا بېرىپ، سائەت 23:50 لەر ئەتىراپىدا، جاۋابكار پxx قىز دوستى ئاxx بىلەن بىرگە يېشىلىق مەيداندىكى كۆۋرۈك تەرەپكە كىلىپ پاراڭلىىشپ ئولتۇرغاندا، زىيانلانغۇچى ئەxx جاۋابكار پxxغا ‹ قۇپە، ئاۋۇ يەرگە بېرىپ بىرىگە ئولتۇرىمىز› دىگەندە، جاۋابكار پxx ئەxxقا ‹سىلەر بېرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار› دىگەن، ئەxx ‹ مەنمۇ بىرىگە ئولتۇرمەن› دىگەندە، جاۋابكار پxx ‹سەن دائىم مەست بۇلۇپ قالساڭ مەن بىلەن قالامسەن› دەپ ئىككسى ئۆز-ئارا گەپ تالشىپ ۋارقىرشىپ قالغاندىن كىيىن، يۇقارقى ئۈچەيلەن قايتىپ كىتىش ئۈچۈن كۆۋرۈك ئۈستىدە مېڭىپ كېتىۋاتقاندا، زىيانلانغۇچى ئەxx كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئارقىدا مېڭىۋاتقان جاۋابكار پxxنىڭ يۈز قىسمىغا بىرنى ئۇرغان، بۇ ۋاقىتتا جاۋابكار پxx قايتۇرۇپ زىيانلانغۇچى ئەxxنىڭ يۈز قىسمىغا بىر شاپلاق ئۇرغاندا، زىيانلانغۇچى ئەxx يەرگە يىقىلىپ كىتىپ، باش قىسمى زەخمىلىنىپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسدا جىددى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈپ كەتكەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار پxxنىڭ باشقىلار بىلەن جېدەللىشىپ، جېدەلنى توغرا ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلماي، باشقىلارنى شاپلاق بىلەن ئۇرۇپ، باشقىلارنىڭ يەرگە يىقىلىپ باش قىسىمىنىڭ زەخمىلىنىپ ئۈلۈپ كىتىشدەك ئاقىۋەتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 233-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش جىنايىتى شەكىلىنىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە پۇخرالارنىڭ ھاياتىنىڭ قانۇنسىز دەخلى-تەرۇزگە ئۇچىرماسلىقىنى قانۇنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 233-ماددا، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار پxxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمسىگە ئۇيغۇن. جاۋابكار پxxغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى ئىككى يىل 6 ئايدىن تۆۋەن دائىردە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش توغىرسىدا تەكلىپ بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: مxx

   گxx

 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى

قۇشۇمچە: 1)  8 نۇسخا ئەيىبنامە ، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى ، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىىى، ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، جاۋابكارنىڭ پۇشايماننامىسى، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى (بىر توپلام، جەمئىى 168 بەت) بىرگە يوللاندى.

 2)  جاۋابكار شايار ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top