起 诉 书
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت 1-بۆلۈم ج،ئە (2020) 92 –نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار xx،ئەر،ئۇيغۇر،xxxx-يىلىxx-ئاينىڭx-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: 652928xxxxxxx ،يۇرتىxx شەھەر، ئولتۇرغىxx شەھەر xxx بازىرى xxxx كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر،خەلىق ئەسكىرى،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ماسسا،ئىلگىرى جازالانمىغان.-xxxيىل- xئاينىڭ-xكۈنىxx ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىككە بېرىلگەن.ھازىر ئائىلىدە.
xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار xxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ xxxx-يىل x-ئاينىڭ x-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، xxxx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.جاۋابكار بۇ دىلونى تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋىنى قوللۇنۇپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
-xxxxيىلى -xxئاينىڭ -xxكۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19:40 ئەتراپىدا،جاۋاپكارxx پىراۋسىزھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىسى يۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتتىنى xx ناھىيە x بازىرى x كەنىت يۇلىدا بۆلىكىدە شەرقتىن-غەربكە قاراپ ھەيدەپ xx xx بازىرى x كەنىت -2گۇرۇپ ساياھەت رايۇننىڭ يىنىدىكى ئامانلىق تەكشۈرۈش پۇنكىتى ئالدىغا كەلگەندە، ئامانلىق تەكشۈرۈش پۇنكىتى ئالدىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇسۇپ تەكشۈرلۇپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ۋەقەلىرى ماددى ئىسپات تۈرلىرىنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ-xxxx (xxxx) نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە جاۋاپكار xxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە xxx مىللىگىرام ئىسپىرىت بارلىقى باھالاپ بېكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 3›باھالاش پىكرى 4›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار xxxنىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست بۇلۇپ قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛ جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، تېز ھۆكۈم چىقىرىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق، شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە 2 ئاي 15كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە شىتراف قويۇش جازاسى بېرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : خانايىم يۈسەن
ئارزىگۈل مۇراۋدۇن
2020-يىل 3-ئاينىڭ 19-كۈنى
قۇشۇمچە:
1› 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 پارچە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى
2› 1توپلام رازۋىتكا دىلوسى بىلەن 2 دانە ئۈنسىن پىلاستىنكىسى
3›جاۋاپكار ھازىر سىرتتا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论