欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

库某涉嫌交通肇事案起诉书)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                            ك،ت1-بۈلۈم،ج،ئە(2020)47-نۇمۇرلۇق 

   جاۋابكار ق**، ئەر، ئويغۇر، 1985-يىلى 1-ئاينىڭ 5- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:****65292919850105، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنت **- مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.

   كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ق**نىڭ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالا قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.

    قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ق**  2020-يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى 17:42 دە، ت** نامىدىكى ** 新Nنۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئائىلە ئاپتۇمبىلنى ھەيدەپ، دۆلەت يولى **- لىنىيەنى بويلاپ غەرپتىن شەرققە قاراپ يول يۈرۈپ، دۆلەت يولى **- لىنىيە ** كىلومىتىر +** مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئاپتۇمبىل سۈرئىتىنى ئەڭ يۇقىرى يول يۈرۈش سۈرئەت چەكلىمىسىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ، بىخەتەر مەشخۇلات قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن ئاپتۇمبىل يولدىن چىقىپ ئۆرۈلۈپ كىتىپ ئاپتۇمبىلنىڭ ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرۇپ ماڭغان ** يېزا ** كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئە**منىڭ يارلىنىشى، بىر قاتناش ۋاستىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدەك يول قاتناش ھادىسسىنى سادىر قىلغان، ئە** ھادىسىدە يارلانغاندىن كىيىن شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرسىتىتى 1- تارماق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالانغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولماي، 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى ** ناھىيەسىگە قايتىپ كىلىش يولىدا ئۆلۈپ كەتكەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنى (2020) 15- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە ئارقىلىق ئە** قاتناش ھادىسسى سەۋەبىدىن بويۇن 6- ئۇمۇرتقا سۆڭىكى سۇنۇپ ئۆپكىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان.

كەلپىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى (2020) 4- نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىدە : جاۋاپكار ق** تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بىكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

 1. يازما ئىسپات  2. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بايانى  4. باھالاشنامە 5.ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

   يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ.جاۋابكار ق**نىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

   مەھكىمىمىز، جاۋابكار ق**نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاپتۇمبىل سۈرئىتىنى ئەڭ يۇقىرى يول يۈرۈش سۈرئەت چەكلىمىسىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ، بىخەتەر مەشخۇلات قىلماي ھادىسە تۇغدۇرۇپ بىر ئادەمنىڭ ئۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست، قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ھادىسە سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 1- تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، جاۋابكارغا 1 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىپ 1 يىل 6 ئاي كىچىكتۈرۈش كېرەك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

      كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

تەپتىش:مەۋلان ئۇبۇل

2020-يىلى12-ئاينىڭ 1-كۈنى

1. قۇشۇمچە 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى 

جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top