起 诉 书
阿瓦提县检一部刑诉〔2020〕178号 ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت 1-بۆلۈم،ج ئە(2020) 178 –نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار قX،ئەر،ئۇيغۇر،19XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65290119XXXXXXXXXX،يۇرتى:X شەھرى،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى:X شەھرى X يولى غەربى X-كوچا X-نومۇر،ھازىر X بازار X كەنتى X-گۇرۇپ X-نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ماسسا،ئاشپەز،2009-يىل 11-ئايدا X شەھرى X رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى ئۈچۈن 6 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ،2010-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى قۇيۇپ بېرىلگەن،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار قXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى مەھكىمىمىز 2020-يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 34-ماددا 2-تارماق،171-ماددا،173-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، دىلو بىجىرگۈچى تەپتىش خادىمى جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار قX 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 23 لەر ئەتراپىدا X بازىرى پاختا زاۋۇتى ئائىلىكلەر قوروسىغا جايلاشقان «خاس تەم توخۇ قورۇملىرى»دۇكىنغا ھاراق ئىچكىلى كىرگەن،زىيانلانغۇچى نX جاۋاپكارقXنى كۆرگەندىن كىين ئۆزى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان،جاۋاپكار قX ماقۇل بولۇپ زىيانلانغۇچى نXنىڭ سورۇنىغا كىرىپ نX،ئەXلار بىلەن بىرگە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان.پاراڭلىشىش جەريانىدا زىيانلانغۇچى نX ئۈزىنىڭ كەپتىرىنى باشقىلارغا 5000(بەش مىڭ)يۈئەنگە ساتقانلىقىنى دەپ پۇلنى جاۋاپكار قX بىلەن ئەXغا كۆرسىتىپ قويغان. سائەت 00:30 لەر ئەتراپىدا ئەX زىيانلانغۇچى نX ۋە جاۋاپكار قX بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتكەن. جاۋاپكار قX بىلەن زىيانلانغۇچى نXداۋاملىق ھاراق ئىچكەن. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 2:30لەر ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى نX مەست بولۇپ يېتىپ قالغان،جاۋاپكار قX ئەتراپتا ئادەم يوقلىغىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن زىيانلانغۇچى نXنىڭ قارا رەڭلىك كاستىيومىنىڭ ئىچ يانچۇقىدىكى 4900(تۆت مىڭ توققۇز يۈز)يۈەننى ئوغۇرلاپ ئېلىۋالغان.جاۋاپكار قX ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ خۇدىنى بىلمەي دۇكاندىن چىقىپ كوچىدا يېتىپ قالغان.سائەت 5 لەر ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى نX قXنىڭ ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن ئويغۇتۇپ ئۈزىنىڭ يېنىغا سېلىپ قويغان پۇلىنىڭ يوقلىقىنى،جاۋاپكار قX ئېلىۋالغان بولسا قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئېيتقان،جاۋاپكار قXئۆزىنىڭ پۇلنى ئالمىغانلىقىنى دەپ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن ھەمدە ئوغۇرلىغان پۇللارنى ئاۋات بازىرىغا بېرىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
دىلو پاش بولغاندىن كىين زىيانلانغۇچى نXنىڭ زىيىنى تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2›گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 3›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار قXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ پۇلىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان،تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ،شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋابكارنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە 8000 يۈەن شىتراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىگە
تەپتىش:خانئايىم يۈسەن
ئەسقەر مەمەت
2020-يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنى
قۇشۇمچە:
1>جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە.
2› 8 پارچە ئەيىبنامە ، بىر توپلام 70 بەتلىك رازۋىتكا دېلوسى
3>جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولۇش تىلخېتى
4>ئوپتىك دېسكا ئىككى دانە
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论