欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

拜某某危险驾驶案起诉书(公开版)

2021-09-23 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج ئە چىقىش (2020) 995-نومۇرلۇق

جاۋابكار بەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx19-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx65292419، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، شوپۇر، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،xx19-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى باسقۇنچىلىق  قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ,بۇ قېتىم خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىغى ئۈچۈن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرپىدىن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلىپ،2020-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار بەxxنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) 25-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە

 جاۋابكار بەxx 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى  سائەت 00:10لار ئەتىراپىدا، قۇxx، قاxx قاتارلىقلار بىلەن شايار ناھىيە xx بازىرى xx ئولتۇراق رايۇنى دەرۋازىنىڭ غەرىپ تەرىپىدىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا ھاراق ئىچىپ ،  ھاراق دۇكىنىنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى新Nxxxxنۇمۇرلۇق كۈمۈش رەڭلىك، بەش كىشىلىك ئائىلە ماشىنىسىغا قۇxx، قاxx، ئاxx قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، ماشىنىنى ئۆزى ھەيدەپ شايار ناھىيە xx بازىرى xx يولىنى شىمالدىن-جەنۇب يۆنىلىشتە كىسىپ ئۆتۈپ، xx گۈللۈك ئولتۇراق رايۇنىغا كىرىدىغان چوڭ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.

 باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار  بەxx نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقىدا 131مىللىگىرام ئىتىل ئىسپىرىت بارلىقى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.

مەھكىمىمىز جاۋابكار بەxxنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدىن باشلاپ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، مەھكىمىڭىزلارنىڭ مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشىغا ۋە  قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ،جاۋابكار بەxxغا بىر ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 3000 يۈەن شىتىراف قۇيۇپ قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشڭىزلارغا تەكلىپ بىرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 تەپتىش: xxxx

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (72بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار  ھازىر ئائىلىسىدە بار.

3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش تۆۋەنامىسى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top