欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

提某某危险驾驶案起诉书

2021-09-23 独角龙 评论0

 كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                               ك،ت،1-بۆلۈم ج،ئە(2020) 57-نۇمۇرلۇق

   جاۋابكار ****،ئەر،ئۇيغۇر،1995-يىلى08-ئاينىڭ08-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ****65292919950808 ،ئادىرىسى:كەلپىن ناھىيە گەزلىك بازىرى **** كەنىت 4-گورۇپپا 50-نۇمۇرلۇق ئۆي،دېھقان،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،جازالانمىغان،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى06-ئاينىڭ 13-كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.ھازىر ئائىلىسىدە.

   كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ****نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالا قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.

   قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:جاۋابكار **** 2020-يىلى6-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 19لەردە،دوستى **** بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ كەلپىن ناھىيە گەزلىك بازىرى **** كەنتى 4-گورۇپتىكى قوروسىنىڭ ئارقىسىدىكى باغدا تۆت بوتۇلكا پىۋە ئىچكەن،سائەت 22 لەر ئەتراپىدا دوستى **** بىلەن بىرگە گەزلىك كەنتى 2-گورۇپتىكى ****نىڭ دۇكىنىغا كىلىپ يەنە تۆت بوتۇلكا پىۋە ئىچكەن،كىيىن جاۋاپكار **** ھەدىسى ****نىڭ柯 B*** نۇمۇرلۇق قىزىل رەڭلىك ياماخا ماركىلىق ئىككى چاقىلىق موتسىكىلىتنى ھەيدەپ،گەزلىك كەنتى 2-گورۇپتىن گەزلىك بازىرىغا قاراپ يول يۈرۈپ شىياڭگاڭ يولى 34-نۇمۇرلۇق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نوقتىسى ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،شۇ جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان.دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا،ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 227.11 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

   يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1.يازما ئىسپات 2.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 3.باھالاشنامە 4.جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

   يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ.جاۋابكار ****نىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋابكار ****نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، پىراۋىسىز موتسىكىلىت ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ133-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان.جاۋابكارغا 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 8 مىڭ يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

      كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

تەپتىش:ھاۋاگۇل ھەسەن

2020-يىلى12-ئاينىڭ2-كۈنى

  قۇشۇمچە: 1. 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى 2.جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top