欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

斯某某涉嫌危险驾驶案起诉书

2021-09-20 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت،بىرىنجى بۆلۈم، ج، ئە (2020) 99-نۇمۇرلۇق

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار س XX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XX65292819، يۇرتى ئاۋات ناھىيە، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى ئاۋات ناھىيە XX بازار XX كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دىھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار س XX خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جاۋابكار بۇ دىلونى تىز ھۈكۈم كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:  

جاۋابكار س XX 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00 ئەتىراپىدا ھاراق ئىچىپ ئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى پىراۋىسىز يېڭئېرىق بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ يول بۆلىكىدە غەرىبتىن شەرىققە يۆلىنىشىدە ھەيدەپ مېڭىپ يېڭئېرىق بازارلىق سۇ مانارىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن توسۇپ تەكشۈرۈلۈپ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئىنىقلىنىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان.

شنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلارنى ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 7770- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا: جاۋابكار س XX نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 89.55مىللىگىرام ئىسپىرىت بار دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:

1›يازما ئىسپات 2› جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 3› باھالاش پىكىرى 4› نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو-سۈرەت 5›ئۈن سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراب قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار س XX نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئسىپاتى تۇلۇق. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جاۋابكار جىنايىتىنى تۇلۇق ئېتىراپ قىلىدۇ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان. جاۋابكار س XX كە 1 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز. 

تەپتىش: مۇقەرەپ مۇختەر

           دىلشات مۇتەللىپ

2020-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى

قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى 2›جاۋاپكار س XX كىپىللىككە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top