欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

木某某危险驾驶一案(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

 

  كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                           ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 198 –نۇمۇرلۇق 

جاۋاپكارمۇxx،ئايال،****-يىلى*-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:6528011983********،ئۇيغۇر،تۇلۇق كۇرۇس مەلوماتلىق،كەسپى :ئاھالىلار كومىتىتى خىزمەتچىسى ،نۇپۇسى تۇرۇشلوق ئورۇن: xx شەھەر xxيىزاxxكەنتx-كوچا xx-نۇمۇر.ھازىرقى تۇرۇشلوق ئورنىxxشەھىرى xx ئولتۇراق رايۇنى*-بىنا*-كورپوس***-نۇمۇر،2019-يىلى8-ئاينىڭ16-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلكە بېرىلگەن.ھازىر كىپىلدە.

   كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار مۇxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار  مۇxx 2019-يىلى05-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 23دىن 10لار ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، ئۆزىنىڭ 新M8722C-نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ، كورلا شەھەر بەخىت يۇلىنى بويلاپ جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ يول يۈرۈپ،كاككۇك كۆبرۈكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە يول ئوتتۇرسىدىكى سىمۇنت تاشقا سۇقۇلوپ، قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ھادىسسى سادىر بولغان. كورلا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى 2019-يىل 05-ئاينىڭ 31-كۇنى  (2019) 799163-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ ،مۇشۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە  پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن .

 شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ۋەقەسى ماددى ئىسپاتلارنى  باھالاش ئورىننىڭ  ( 2019)2818-ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا : جاۋاپكار قىنىدا  ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 166.98مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى  بار دەپ يەكۈن  چىققان. 

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار مۇيەسسەر مەمەت ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار مۇxxنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى نىڭ« 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار   مۇxxنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

                   كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە          

                             تەپتىش :خاسىيەت ئابدۇكېرىم 

                                   2020-يىلى5-ئاينىڭ5-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.  

(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى  بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top