شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى
لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2019) 136- نومۇرلۇق
جاۋاپكار مو**،ئەر،ئۇيغۇر،1976-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******6528231976، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپىي: ** ئىدارىسىنىڭ ئىشچىسى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى: لوپنۇر ناھىيە ** يېزا ** كەنتى **-نومۇر،ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: لوپنۇر ناھىيە **-ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆي،2019-يىلى 1-ئاينىڭ17-كۈنى لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
لوپنۇر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكارمو**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2019- يىلى12– ئاينىڭ 18- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . جاۋابكار مو** مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:
جاۋاپكار مو** 2018-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى، ھاراق ئىچىپ **M新 نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتومىبىلنى ھەيدەپ ، لوپنۇر ناھىيە **ئولتۇراق رايونىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىغا كەلگەندە،لوپنۇرناھىيلىك جامائەت خەۋپسزلىك ئىدارىسى** خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ساقچىلىرى تەرپىدىن بايقىلىپ ،قاتناش ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن،شىنجاڭ خۇاتۇڭ ئەدىيلىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019]0115 – نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدەمو**نىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر يۈز مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 206.08 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن .
يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋابكارمو**نىڭ قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك .
مەزكۇر دېلۇنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار مو**قا4ئايدىن تۆۋەن 3 ئايدىن يۇقۇرى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :تۇرسۇن راخمان
2019- يىلى12- ئاينىڭ 19- كۈنى
ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论