ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا، ت، بىرىنجى بۆلۈم، ج، ئە (2020) 226-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار مۇ XX، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىل **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XX65292819، يۇرتى ئاۋات ناھىيە، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى ئاۋات ناھىيە XX بازار تۆۋەنكى XX كەنت **-كەنت **-نۇمۇر، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دىھقان، پارتىيە ئەزاسى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار مۇ XX نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جاۋابكار بۇ دىلونى تىز ھۈكۈم كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2018-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى جاۋابكار مۇ XX سائەت 20:00 ئەتىراپىدا ئاۋات ناھىيە بېشئېرىق بازار تۆۋەنكى بېشئېرىق كەنت تەۋەسىدىكى ت XX نىڭ دۇكىنىدا تو XX، سە XX ، يا XX ، مە XX قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ھاراق ئىچىپ، سائەت 22:30 ئەتىراپىدا ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن دۇكاننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 新N71XX نۇمۇرلۇق يىللىق تەكشۈرتۈش قىلىنمىغان ماشىنىسىنى مەس ھالەتتە ھەيدەپ ئاۋات ناھىيە XX بازار XX 3-كەنت يول بۆلىكىگە كەلگەندە ئالدىدا ئوخشاش يۆلىنىشتە زىيانلانغۇچى ئايگۈل ھوشۇر ھەيدەپ كىتىۋاتقان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنى سوقۇۋىتىپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلارنى ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2018) 5600- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا: جاۋابكار مۇ XX نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 223.01 مىللىگىرام ئىسپىرىت بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەتىرتىنىڭ 65292820190058- نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقىنى بىكىتىشنامىسىدا: جاۋابكار مۇ XX «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 22- ماددا 2- تارماق، 92- ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھادىسىدە تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئا XX جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:
1›يازما ئىسپات 2› زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3›گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 4›جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 5› باھالاش پىكىرى 6› نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو-سۈرەت 7›ئۈن سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراب قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار مۇ XX نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئسىپاتى تۇلۇق. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جاۋابكار جىنايىتىنى تۇلۇق ئېتىراپ قىلىدۇ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ جاۋابكار مۇ XX غا 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: مۇقەرەپ مۇختەر
دىلشات مۇتەللىپ
2020-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى 2›ئۈن- سىن سوراق خاتىرىسى 1 دىسكا 3› جىنايەت ۋە جازانى تونۇش تىلخېتى بىر پارچە 4›جاۋاپكار مۇ XX تۇرارجايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论