ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت،ئە،1-بۈلۈم (2020)97–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار مX،ئەر، ئۇيغۇر،19XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65292819XXXXXXXXXX،يۇرتى X ناھىيە،نۇپۇستىكى ئادىرىسى: X يېزا X كەنتى X-گۇرۇپ X-نومۇر،تۇللۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،ماسسا،دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان،2019-يىلى 10- ئاينىڭ 9-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ قۇيۇلغان،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان،ھازىر ھازىر ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار مXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى ،جىنايىتىنى تونۇسا جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى ،جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى،جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا ۋە بۇ دىلونى تىز ھۆكۈم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى،ھازىر بۇ دىلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 8-ئايىنىڭ 30-كۇنى جاۋاپكار مX ئاپسى بىلەن تىلفۇندا گەپ تاكالشىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۆيىگە قايتىپ بارماي X ناھىيە بازار ئىچىدە ئۆز مەيلى بويىچە ئىش بىلەن شۇغۇللانغان،كىيىن مXنى يېنىدىكى ئازغىنە پۇل تۈگىگەندىن كىيىن يەنى 2019-يىلى 9-ئايىنىڭ 2-كۇنى كەچقۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7لەر بىلەن ئاغنسى يXنىڭ ساتراچىلق دۇكىنغا بارغان، جاۋاپكار مX ئاغنسى يXنىڭ ساتىراچىلق دۇكىنغا بېرىپ دۇكانغا يېقىن تۇرۇشۇپ بەرگەن، شۇ كۈنى كەچىلىك تاماق ۋاقىتى بولغانىدا يX بىلەن جاۋاپكار مX يXنىڭ X يېزا X كەنىت 1-گۇرۇپتىكى ئۆيگە تاماق يىگىلى بىللە بارغان، بۇلار تاماق يېيىش ئارلىقىدا يXنىڭ ئايالى ب X ي Xكە ئۆزنىڭ چايغا بارىدىغانلىقىنى دەپ چايغا بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلغان، بۇ ئارلىقتا بXئۆينىڭ كارىدۇرىغا چىقىپ گىرىم قىلغاچ ئۆزىنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىنەتلىرىنى تاقىغان، يXبىلەن جاۋاپكار مX تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن بىللە يXنىڭ ساتىراچخانىسىغا چىقىپ كەتكەن،يXنىڭ ئايالى بX چايغا بارىدىغانغا ئۆيدە تەييارلىق قىلىپ قالغان، يX بىلەن جاۋاپكار مX ساتراشخانىغا چىقىپ دۇكاندا 1 سائەت ئەتراپىدا ھۈنەر قىلغاندىن كىيىن دۇكاننى تاقاپ يXنىڭ X يېزا X كەنىت 1-گۇرۇپتكى ئۆيگە بارغان، يXنىڭ ئايالى بX بۇ ۋاقىتتا ئۆيگە تېخى قايتىپ كەلمىگەن بولغاچقا جاۋاپكار مX يX ئەر-ئايال ياتىدىغان ياتاق ئۆينىڭ يان تەرپىدىكى ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۇزۇن قالمايلا ئۇخلاپ قالغان، ئەتسى ئەتكەندە يX بىلەن جاۋاپكار مX ئورنىدىن تۇرۇپ يXنڭ ساتىراچخانىسىغا چىقىپ كەتكەن،ساتراچخانغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلام يX جاۋاپكار مXغا«مەن سېرتقا چىقىپ ماشنامغا بەنىزۈشاڭ مېيى ئەكېلۋالسام، سەن دۇكانغا قاراپ تۇرغان بولساڭ»دەپ دۇكاننى مXغا تاشلاپ بىرىپ ئۆزى ماشىنىسىنى ھەيدەپ دۇكاندىن ئارىلغان، شىنجاڭ ۋاقىتى سائەت 12لەر بولغاندا يX ساتراچلىق دۇكانغا قايتىپ كەلگەن، يX دۇكانغا قايتىپ كېلپ نەچچە مىنۇتلارىدىن كېيىن يەنە دۇكاندىن چىقىپ كەتكەن. جاۋاپكار مX دۇكاندا ئىش قىلىش جەريانىدا تۇيۇقسز يXنىڭ تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچنى دۇكانغا قۇيۇپ قويغان ئورۇندا بايقاپ ئاچقۇچنى قۇلىغا ئالغاندىن كىيىن شۇ ھامانلا كاللىسىغا يXنڭ ئايالى بXنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ كارىدۇردا تاقىغان زىبۇ-زىننەت ئالتۇنلىرى ئىسىگە كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن جاۋاپكار مX يXنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ ۋاقىتى سائەت 1لەر ئەتراپىدا يXنىڭ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى دۇكاندا قۇيۇپ قويغان يېرىدىن ئېلىپ دۇكاننى تاقاپ يXنىڭ X يېزا X كەنىت 1-گۇرۇپتكى ئۆيگە بېرىپ يXنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى بايقىغاندىن كىيىن يXنىڭ ئاچقۇچىدا يXنىڭ ئۆينىڭ ئىشكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىپ يX بىلەن بXياتىدىغان ياتاق ئۆيگە كىرگەن، جاۋاپكار مX ياتاق ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ياتاق ئۆيدىكى كىيىم ئىشكابنى ئاختۇرۇپ ئالتۇن سالدىغان بىر نەچچە قاپنى كۆرگەن، جاۋاپكار مX قاپنى ئېچىپ 2 تال زەنجىر، 1 تال ئۈزۈك، بىر جۈپ ھالقا، 1 تال بىلەك قىسمىغا تاقايدىغان زەنجىر بىلەيزۈك، قۇلاقا سالدىغان كىچىك بىر جۈپ كىچىك ھالقا قاتارلىقلارنى كۇرۇپ بۇ ئالتۇنلارنى ئىشتىننىڭ سول يان يانچۇقغا سېلىپ ئۇي ئىگىسىنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالتۇن قېپنى ئەسلى ئورنىغا ھىچقانداق نەرسىنى بۇزمىغان ئاساستا قۇيۇپ ئۆيگە كىرگەندە ئۆي ئىچى قانداق بولسا ئۆيىنىڭ ئىچنى شۇنداق قىلىپ قۇيۇپ ئۆيگە قۇلپىنى سېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن.جاۋاپكار مX ئۆيدىن چىقىپ يXنىڭ دۇكنىڭ قارشى تەرپدىكى ئاشخاندا تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن يXنىڭ ساتراچىلق دۇكنغا كىرىپ شىنجاڭ ۋاقىتى سائەت 3يېرىم بولغچە دۇكاندا ئىش قىلىپ يXدۇكانغا قايتىپ كەلمىگەندىن كېيىن جاۋاپكار مX دۇكاننى تاقاپ يXنىڭ ئۆيدىن ئوغۇرلاپ چىقان ئالتۇلارنى سېتىش ئۈچۈن ئاقسۇغا بېرىپ ئاقسۇ شەھىرى غەربىى چوڭ كوچا يەنى شاڭلۇڭنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن ئالدىغان دۇكانغا كىرىپ يXنىڭ ئۆيدىن ئوغۇرلغان ئالتۇنلارنى دۇكاننىڭ خۇجاينىغا (خەنزۇ) ئايالىم ئاغرىپ قالغان ئىدى، ئىقدىسادىمىز يىتىشمىگەچكە بۇ ئالتۇنلارنى ساتقىلى ئەكەلگەن ئىدىم دىگەندەك يالغان سۆزلەرنى قىلىپ يXنىڭ ئۇيدىن ئوغۇرلىغان ئالتۇنلارنى دۇكانىڭ خۇجايىنىغا ھەر بىر گىرىمىنى 300 يۈەندىن 23.05 گىرام ئالتۇننى 6915 يۈەن (ئالتە مىڭ توقۇز يۇز ئون بەش)يۈەنگە سېتىپ پۇلنى خەشلەپ تۇگەتكەن،ئاۋات ناھىيلىك باھا ئىدارىسىنىڭ (2019)138-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە گۇماندار ئوغۇرلىغان ئالتۇننىڭ ئۇمۇمى باھاسىنى 7376 يۇەن دەپ باھالىغان. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1،يازما ئسىپات2،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى،3،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،4، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 5،باھالاش پىكرى 6،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى ،خەرىتىسى ،فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ،جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار مXنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋىلىش مەقسىتىدە شەخىسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى ئالتۇننى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا1-تۈر بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ،قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئسىپاتى تۇلۇق،قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ ،جىنايتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولىدۇ،شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق ،65-ماددابەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋابكارنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە 8 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى،قوشۇمچە شىتراف قويۇش جازاسى بېرىش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە
تەپتىش:خانئايىم يۇسەن
ياردەمچى تەپتىش:مىرزات مەمەت
2020-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى
قۇشۇمچە: 1. 8پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى،ئۇچ تال سوراق پىلاستىنكىسى بىرگە يوللاندى. 2. جاۋابكار ھازىرقاماقخاندا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论