欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

木XX危险驾驶案起诉书

2021-09-21 独角龙 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

                      ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)283 -نۇمۇرلۇق

       ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

 جاۋاپكار   مXX    ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 30ياش ،  كىملىك نومۇرى :  XXXXXX6529011989،تولۇقسىز ئوتتۇرا  مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، دېھقان، يۇرتى  ئاقسۇ شەھىرى  ، ئاقسۇ شەھىرى X يېزا X-كەنىت X-گورۇپتا   ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان.خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن  2019-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى12-ئاينىڭ 6-كۈنى(2019) 1421-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

     2019-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 21:30لەردە ،جاۋاپكار مXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن 9 -ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 1:32ئەتراپىدا  ئاقسۇ شەھەر Xبازار ئىچىگە توختىتىپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقللىق  موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ ئاقسۇ شەھەر X يېزا X-كەنىتكە كەلگەندە شۇ ئەتراپتتىكى ساقچىلار كېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭ ھاراق ئىچىپ  ماشىنا ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ   قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.   تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار مXX نىڭ100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى  223.02مىللىگىرام بۇلۇپ مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن.     

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار مXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ،خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك،جاۋاپكارمXXجىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل ،قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ،شۇڭا جاۋاپكار مXXغا 5ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 10000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .

تەپتىش : ئايجامال ئابدۇراخمان 

                     تەپتىش :جۈرئەت ئابلە 

                 2020-يىلى 4-ئاينىڭ  6-كۈنى

ئىزاھات : 

‹1جاۋابكار  مXX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى :XXXX1850997 

2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى  ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top