كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك،ت،1-بۆلۈم ج،ئە(2020) 55-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ****،ئەر،ئۇيغۇر،1992-يىلى11-ئاينىڭ1-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:****65292919921101،ئادىرىسى:كەلپىن ناھىيە گەزلىك بازىرى**** كەنىت 9-گورۇپپا 10-نۇمۇرلۇق ئۆي،دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020- يىلى7- ئاينىڭ 14-كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.ھازىر ئائىلىسىدە.
كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ****نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالا قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:جاۋابكار **** 2020-يىلى7-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 23 لەردە،دوستى ھۈسەن،**** غۇپۇر ۋە ****غۇپۇرنىڭ ئىككى دوستى بىلەن بىرگە گەزلىك بازىرى**** كەنتى سايبۇلاق ماشىنا يۇيۇش ئورنىنىڭ يېنىدىكى كاۋاپخانىدا پىۋە ئىچكەندىن كىيىن،ئەتىسى سەھەر سائەت 02 لەر ئەتراپىدا دوسلىرى بىلەن خوشلىشىپ،ئۆزىنىڭ 新NO3 *** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ،گەزلىك بازىردىن كەلپىن بازىرغا قاراپ يول يۈرۈپ،1-ماي يولى 1-نۇمۇرلۇق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نوقتىسى ئالدىغا كەلگەندە،ئاپتوموبىلنى ئارقىغا ياندرۇش جەريانىدا ئاپتوموبىل يول بويىدىكى كۆكەرتىش بەلۋىغىغا چۈشۈپ كىتىپ،شۇ يول بۆلىكىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان.دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا،ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 167.26 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1.يازما ئىسپات 2.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 3.باھالاشنامە 4.جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ.جاۋابكار ****نىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋابكار ****نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان.جاۋابكارغا 2 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 4 مىڭ يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش:ھاۋاگۇل ھەسەن
2020-يىلى12-ئاينىڭ2-كۈنى
قۇشۇمچە: 1. 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى
2.جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论