欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

沙某某涉嫌交通肇事案起诉书

2021-09-20 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ت 1-بۆلۈم ج ئە (2020) 376 -نۇمۇرلۇق

ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار سا  XX، ئەر، ئويغۇر، XX-يىلى XX-ئايىنڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxxxxx65292819، نۇپۇسىتىكى ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاۋات ناھىيە XX بازىرى تۆۋەنكى XX كەنت 2-گۇرۇپ 68-نۇمۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ماسسا، دېھقان، جازالانمىغان، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۇنى قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن، 2020-يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان،2020-يىلى9-ئاينىڭ5-كۈنى مەھكمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار سا  XXنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تونۇسا جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى، جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا ۋە بۇ دىلونى ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، ھازىر بۇ دىلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى. 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار سا XX 2019-يىل2-ئاينىڭ 2-كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 1:00لەردە ھاراق ئىچىپ ئۆيگە كېلىپ ئۇخلاپ ئەتىگەن سائەت12:40 ئەتراپىدا، ئۇزىنىڭ  新NA4XX1نۇمۇرلۇق ماشىنىسىغا ئايالى نۇرنىساگۈل ئىدرىس، قىزى مۇنىرە ساۋۇت، مۇنىسە ساۋۇتنى ئولتۇرغۇزۇپ ئاۋات ناھىيە يېڭىئېرىق بازار ئۈستۈنكى توغرا ئۆستەڭ كەنت يولىدا جەنۇپتىن-شىمالغا  يۆلىنىشتە ھەيدەپ ئاۋات ناھىيە يېڭىرىق بازار ئۈستۈنكى توغرا ئۆستەڭ  كەنت 7-گۇرۇپ  يول بۆلىكىگە كەلگەندە ئالدىدا ئوخشاش يۆلىنىشتە مونياز ئابدىكىرەم ھەيدەپ سولغا بۇرۇلغان ئۈچ چاقلىق توكسىكىلتتىن ماشنىنى ئېلىپ قېچىپ يولنىڭ قىرىدىكى ئورمان بەلۋېغىغا چۈشۈپ كەتكەن . مۇنىرە ساۋۇت دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئىلمىي تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىدە ، ھادىسىدە ئۆلگۈچى مۇنىرە ساۋۇت ھايات ۋاقتىدا بىسسىز سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە مېڭىسى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان. 

يول قاتناش ھادىسىسى جاۋاپكارلىق بېكىتىشنامىسىدە، جاۋاپكار سا XXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىگى قانۇنى» نىڭ 22-ماددا1-تارماق،22-ماددا2-تارماق،42-ماددا1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھادىسدە تۇللۇق جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ،نۇرنىساگۈل ئىدرىس، مۇنىرە ساۋۇت، مۇنىسە ساۋۇتنى ھادىسىدە جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بېكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1› يازما ئىسپات 2›گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3› جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكرى 5›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىز، جاۋاپكار سا XXنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-تۈر بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق،قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولىدۇ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش : خانئايىم يۈسەن

2020-يىل 9-ئاينىڭ 28-كۈنى

   قۇشۇمچە:

1› 8 پارچە ئەيىبنامە

2›بىر توپلام رازۋىتكا دىلوسى

3› ئۈچ دانە ئوپتىك دېسكا

4›جاۋاپكار ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top