欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

沙某某涉嫌诈骗案起诉书_阿瓦提县人民检察院

2021-09-20 独角龙 评论0

阿瓦提县人民检察院 

起 诉 书

阿瓦提县检一部刑诉〔2020〕169号 

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت 1-بۆلۈم،ج ئە(2020) 169 –نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار سX،ئايال،ئۇيغۇر،19XX-يىل X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65232719XXXXXXXXXX،يۇرتى X ناھىيە،نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى:X ناھىيە X بازىرى X X مەھەللە X-نومۇر،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ماسسا،دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان،ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى توردا تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان،2019-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان،2019-يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى كېپىلگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار سXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ 2020-يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردى،ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنى دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزگە يوللىغاندىن كىيىن دىلو بىجىرگۈچى تەپتىش خادىمى جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى زىيانلانغۇچى گX كىيىم-كىچەك ساتىدىغان ئۈندىدار سودا توپىدىن جاۋاپكار سXنىڭ ئۈندىدار ئىسمى «.»بولغان ئۈندىدارىغا ئۆزىنىڭ ئۈندىدار ئىسمى X بولغان ئۈندىدارىنى قوشۇۋېلىش ئىلتىماسى ئەۋەتكەن،جاۋاپكار سX زىيانلانغۇچى گXنى ئۈندىدارىغا قوشقاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى گXگە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە كىيىم-كىچەك دۇكىنى يوق ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭغا:«خانىم قىزلا چۈشلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن،ئىسمىم ئالىيە ئۈرۈمچىدىن كىيىم كىچەك دۇكىنى ئاچىمەن،ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن ماللارنى ئېتىبار باھادا سېتىۋاتىمىز،قېنى چەمبىرىكىمنى كۆرۈپ بېقىڭ،خالىغان ئۈچ قۇرنى تاللىسىڭىز 100 يۈەن،پوچتىدىن سەپ بىرمىز،پۇرسەت غەنىيمەت،ئۈچ كۈنلۈك ھەقسىز ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىمەن»دېگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرنى ئەۋەتكەن.زىيانلانغۇچى گXجاۋاپكارنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرۈپ كىيىم-كىچەكلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزان ئىكەنلىكىنى بىلىپ جاۋاپكار سXدىن كىيىم كىچەك سېتىۋىلىش ئۈچۈن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ جاۋاپكار سXنىڭ ئۈندىدارىغا جەمىي 4260.00 يۈەننى ھېساپ يۆتكەش شەكلىدە ئەۋەتىپ بەرگەن.زىيانلانغۇچى گX جاۋاپكار سXدىن كۆپ قېتىم كىيىم كىچەكلەرنى ئەۋەتىپ بېرىشنى سۈيلىگەن بولسىمۇ جاۋاپكار سX باھانە سەۋەپ كۆرسىتىپ زىيانلانغۇچى گXگە كىيىم كىچەكلەرنى ئەۋەتىپ بەرمەي 2019-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى زىيانلانغۇچى گXنى ئۈندىدارىدىن يۇيىۋېتىپ زىيانلانغۇچى گXدىن ئالداپ ئېلىۋالغان 4260.00 يۈەننى خەجلەپ تۈگەتكەن.

جاۋاپكار سX تۇتۇلغاندىن كىيىن زىيان تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1› يازما ئىسپات 2›زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3>جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋاپكار سXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« 266-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان،تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋابكارنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش،قۇشۇمچە شىتراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش:خانئايىم يۈسەن

ئەسقەر مەمەت

2020-يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى

قوشۇمچە:

1.​ جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە

2.​ 8 پارچە ئەيىپنامە،بىرتوپلام رازۋىدكا دىلوسى

3.​ جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولۇش تېلخېتى

4.​ ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى

5.​ ئوپتىك دېسكا(5 دانە)

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top